Uyghur主要词典
ساكاموتورىئۇما
دۇنيا تارىخى
(1836 - 1867) ياپونىيە توكۇگاۋا باكۇ شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى دەۋلىرىدە ئۆتكەن، پادىشاھنى ھۆرمەتلەش، ياۋلارنى يەكلەش، شوگناتنى ئاغدۇرغۇچى زات. ئەسلى ئىسمى نائوجى، تەخەللۇسى سائىتانى ئۇمېتارو. 1853 - يىلى ئېدوغا بېرىپ قىلىچۋازلىقنى ئۆگەنگەن. 1861 - يىلى توسادىكى پادىشاھقا ساداقەتمەن بولغۇچىلار گۇرۇھىغا قاتناشقان. 1862 - يىلى كاتسىئۇئومى فۇناساكومونغا باش قويۇپ، كوبې دېڭىز ئارمىيە مەشق ئورنىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1864 -يىلى ناگاساكىدىكى كامېياما <ئۇيۇشما ئەترىتى> (كامېياما ئەترىتى، كېيىن دېڭىز ياردەمچى ئەترىتى دەپ ئاتالغان) نى قۇرۇپ دېڭىز ترانسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. 1866 - يىلى سايگوتاكامورى، كىدوكوئىن قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كيوتودا ئۇچرىشىپ،ساتسۇما بىلەن ناگاسىيۇ بىرلىشىپ، شوگناتنى ئاغدۇرۇش مەخپىي كېلىشىمىنى تۈزگەن. 1867 - يىلى گوتو شىچىرۆ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، سابىق ۋاسسال بېگى - ياماچى تويوموبۇغا شوگناتتىن ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەكلىپ قىلىشقا قۇتراتقان. شۇيىلى كيوتودا ناكائوكاشىنتارۆ بىلەن بىرلىكتە سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.