Uyghur主要词典
ساكانې ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
سكانىيە ئۇرۇشى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان ياكى دانىيە - شۋېتسىيە ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتالغان. 1658 - يىلى دانىيە سكانې قاتارلىق ئۆلكىلەرنى شۋېتسىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. 1675 - يىلى كرىستىيان Ⅴ بۇ زېمىننى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. شۇ يىلى شۋېتسىيە قوشۇنى ۋىسمارنى ئىشغال قىلغان، ياندۇرقى يىلى يەنە گوتلاندنى بېسىۋالغان. 1677 - يىلى دانىيە دېڭىز ئارمىيىسى گوللاندىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، كگېبۇگت جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، مالمودىن باشقا پۈتكۈل سكانې رايونىنى ئىشغال قىلغان. ئەمما 1676 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شۋېتسىيە كورۇلى كارل Ⅺ لۇنددا دانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يەڭگەن. 1677 - يىلى لانگسلونادا ئىتتىپاقدىشى فرانسىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، دانىيە 1679 - يىلى لۇندتا سۈلھ تۈزۈشكە مەجبور بولۇپ، سكانې يەنىلا شۋېتسىيىنىڭ ئىلكىدە قالغان.