Uyghur主要词典
ساكاتاما سائىچى
دۇنيا تارىخى
(1911 - 1970) ياپونىيىلىك فىزىك. فىزىكا پەنلىرى دوكتورى. كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئوساكا ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لىكتورى، ناگايا ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇدا ياپونىيە ئىلمىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئاتوم ئېنىرگىيىسى مەسىلىسى كومېتىتى، ئاتوم يادروسى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى، ئاتوم ئېنېرگىيىسى پەۋقۇلئاددە كومىتېتلىرىنىڭ باشلىقى بولغان. ئاساسىي زەررە فىزىكىسى تەتقىقاتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. 1942 - يىلى ئاۋۋال ئىككى خىل مېزوترون، نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ كېيىنچە دەلىللەنگەن. 1955 - يىلى ئۇ يەنە بىرخىل ئاساسىي زەررىلەر قۇرۇلمىسى مودېلى (<ساكاتا مودېلى>) نى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۆزئارا كۈچلۈك رول ئوينىغۇچى ئاساسىي زەررىچە پروتون، نېيترون، گېپروندىن ئىبارەت ئۈچ خىل زەررىچە ئانتى زەررىچىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ، دەپ ھېسابلىغان.1964 -يىلى ياپونىيە ئىلمىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ <فىزىكا ۋە مېتودىكا>، <ئالىم ۋە جەمئىيەت> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.