Uyghur主要词典
ساكدال پارتىيسى قوزغىلىڭى
领域: دۇنيا تارىخىفىلىپپىن خەلقىنىڭ ئامېرىكا مۇستەملىكىچىلىرى ۋە پومېشچىكلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى. <ساكدال> نىڭ مەنىسى <گۇناھكار> دېگەنلىك. بۇ پارتىيىنى پومېشچېك بۇرژۇئازىيە زىيالىيلىرى 1933 - يىلى قۇرغان، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ياپونپەرەس راموس،ئاساسىي ئەزالىرى دېھقانلار. ئۇنىڭ شۇئارى - 1935 - يىلى ئىچىدە <پۈتۈنلەي ھەم مۇتلەق مۇستەقىللىك > نى قولغا كەلتۈرۈش. ئۇ يەرلەرنى تەڭ تەقسىم قىلىش، بارلىق باج سېلىقنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. قوزغىلاڭ 1935 - يىلى 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا لۇسۇن ئارىلىدا كۆتۈرۈلگەن. بالاگەن، نىخۇ، لىشا، كاۋىتي ئۆلكىلىرىدىكى دېھقانلار ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان، قاتناشقۇچىلار 100 مىڭغا يەتكەن. قوزغىلاڭچىلاردا كۈچلۈك رەھبەرلىك ۋە قاتتىق تەشكىل كەم بولغانلىقتىن، كوئېزون ھۆكۈمىتى ۋە ئامرېكا مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. بۇ قوزغىلاڭ فىلىپپىن سىياسىتىدە بىر قەدەر چوڭ تەسىر پەيدا قىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。