Uyghur主要词典
فرانىس جوسېف
دۇنيا تارىخى
(1830 - 1619) ئاۋستىرىيە كورۇلى (1848 - 1916)، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى، قوشۇمچە ۋېنگرىيە خانى (1867 - 1916). تەختتە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، <ئاۋسترىيە ئىمېرىيسىنىڭ بىرلىكى>نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نامى بىلەن <يېڭى مۇستەبىتلىك>نى يولغا قويۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. 1849 - يىلى ۋېنگرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. 1859 - يىلى ئىتالىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدە ساردىنىيە پادىشاھلىقى ۋە فرانسىيە ئارمىيىسىدىن يېڭىلىپ، لومباردىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىدىن مەھرۇم بولغان. 1866 - يىلى پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. 1867 - يىلى ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، ئىككى باشلىقلىق تۈزۈمىدىكى ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. 1879 - يىلى گېرمانىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالىغان، كېيىن يەنە 1882 - يىلى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە ئىتالىيىدىن ئىبارەتئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بالقانغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىكنى جىددىيلەشتۈرۈپ، روسىيە بىلەن بولغان زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۋەتكەن. 1914 - يىلى سارايېۋو ۋەقەسى سەۋەبىدىن، گېرمانىيەنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، سېربىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان.