Uyghur主要词典
فرۇكتوزا
بىئولوگىيە
تەركىبىدە كېتون رادىكالى بولغان گېكسوزا، تەبىئەت دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان. مېۋە شىرنىسى ۋە ھەسەلنىڭ تەركىبىدە مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ. ساخاروزا، فرۇكتوزا بىلەن گلۇكوزىنىڭ كوندېنساتسيىلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. فېنولىن نۇرغۇنلىغان فرۇكتوزا مولېكۇلىلىرىنىڭ پولىمېرلانغان مەھسۇلاتى، شۇڭلاشقا ئۇ فرۇكتوزا تەييارلاشنىڭ ياخشى ماتېرىيالى بولىدۇ. قەنتلەر ئىچىدە فرۇكتوزا ئەڭ تاتلىق قەنتىدۇر، سۇدىكى ئېرىتمىسىدە ئەڭ ئاخىرقى سېلىشتۇرما نۇر بۇرىشى بولىدۇ، شۇڭا ئۇ نۇرنى سولغا بۇرىغانلىقتىن، <سولغا بۇرىغۇچى قەنت> دەپ ئاتىلىدۇ. تۈزۈلۈشى جەھەتتە d - گلۇكوزا بىلەن ئوخشاش بىر قاتاردا تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىلمىي نامى d - فرۇكتوزادۇر. فرۇكتوزا كاربونىل رادىكالىنىڭ رېئاكسىيىلىشىش ئالاھىدىلىكى، مەسىلەن، ئوكسىدسىزلىنىش، ئوزازون، ئېستېرلارنى ھاسىل قىلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
خىمىيە
ئورگانىك بىرىكمە، يەنى ساخفروزا، شېكەر قاتارلىقلارنى تەشكىل قىلغۇچى ماددا. مولېكولا فورمۇلىسى C6 H12 O6. ئاق رەڭلىك كرىستال ھالىتىدە بولۇپ، تاتلىق كېلىدۇ، مېۋە - چېۋە،ھەسەل قاتارلىقلار تەركىبىدە بولىدۇ.