Uyghur主要词典
فرېدرىخ
مەشھۇر شەخسلەر
2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە فاشىستلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى «باباروسا پىلانى» دەپ ئاتىغان، «باباروسا» دېگەن گەپنىڭ مەنىسى «قىزىل ساقال» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە گېرمانىيە پادىشاھى فرېدرىخ Ⅰنىڭ لەقىمى ئىدى.
فرېدرىخ Ⅰ (1123 −1190 - يىللار) ئوتتۇرا ئەسىردىكى «مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى»نىڭ پادىشاھى. ئۇ بەستلىك، چىرايى سۈرلۈك، ئۇزۇن قىزىل ساقاللىق بولغاچقا، ئەينى چاغدا كىشىلەر تەرىپىدىن «قىزىل ساقال فرېدرىخ» دەپ ئاتالغان. فرېدرىخ Ⅰناھايىتى ئىقتىدارلىق بولۇپ، تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىگە رىمنىڭ پادىشاھى دەپ تەمەننا قويۇپ، ھەدەپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان.
فرېدرىخ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئىتالىيىگە ئالتە قېتىم تاجاۋۇز قىلغان.1154 - يىلى تۇنجى قېتىم ئىتالىيىگە قوشۇن تارتىپ، پاپا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پاپىغا قارشى قوزغىلاڭنى باستۇرغان. قوشۇن تارتىشتىن ئىلگىرى، پاپا ئىش پۈتكەندە ئۇنىڭغا تاج كىيدۈرۈپ، «مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى» دەپ نام بېرىشكە ۋەدە قىلغان، لېكىن قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، پاپا ئۇنىڭغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان شەرت قويۇپ، ئۇنى ئۆزى مىنگەن ئاتنى يېتىلەپ مېڭىشقا بۇيرۇغان، بۇ ئىشقا فرېدرىخنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنلىكتىن، تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمى كەينىگە سۈرۈلۈپ،1155 - يىلى6 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىتالىيىدىكى مىلانو شەھىرى باشچىلىقىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن، فرېدرىخ كۆپ قېتىم ھەربىي يۈرۈش قىلغان. ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى مىلانو قاتارلىق شەھەرلەر ئىتتىپاق تۈزۈۋالغاچقا، گېرمانىيە ئارمىيىسى4 - قېتىم (1166 - يىلى) تاجاۋۇز قىلغاندا قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، فرېدرىخ قاتمۇقات مۇھاسىرە ئىچىدە قالغان ھەمدە دېھقان قىياپىتىدە ياسىنىۋېلىپ ناھايىتى تەستە قېچىپ كەتكەن. ئىتالىيىگە5 - قېتىم (1174 - يىلى) تاجاۋۇز قىلغاندا، گېرمانىيە ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، فرېدرىخ ئېغىر يارىلانغان.
قىزىل ساقال فرېدرىخ خىزمەت كۆرسىتىشكە بېرىلىپ كېتىپ، ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلغاندىن باشقا، يەنە ئەھلىسەلىبنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغىمۇ قاتناشقان.1190 - يىلى ئەھلىسەلىب شەرققە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قىلىشقا ئاتلانغاندا،65 ياشقا كىرىپ قالغان فرېدرىخ كىچىك ئاسىيادا دەريادىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھاياتى ئاخىرلاشقان.
دۇنيا تارىخى
(1) فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال، تەخمىنەن 1123 - 1190)، گېرمانىيىنىڭ كورۇلى (1152 - 1190)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1152 - 1190، 1155 - يىلى تاج كىيگەن). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ئىتالىيىگە ئالتە قېتىم بېسىپ كىرگەن (1154 - 1155، 1158 - 1162؛ 1163؛ 1166 - 1168؛ 1174 - 1177؛ 1184 - 1186)، باي لومباردىيە شەھەرلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئىمپېراتورنىڭ مالىيە كىرىمىنى كۆپەيتىشكە ئۇرۇنغان. 1176 - يىلى لېگنانو جېڭىدە لومباردىيە شەھەرلىرى بىلەن پاپانىڭ بىرلەشمە ئارمىيسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، 1183 - يىلى <كونستانز سۈلھ شەرتنامىسى> نى تۈزۈپ، لومباردىيە شەھەرلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبور بولغان. 1180 - يىلى ساكسونىيە ۋە باۋارىيە كىنەزى ھېنرى (شىر)نىڭ خوجىلىق يېرىنى تارتىۋېلىپ، باشقا بەگلەرگە بۆلۈپ بەرگەن. 1186 - يىلى ئوغلى ھېنرىغا سىتىسىلىيە مەلىكىسى، تەخت ۋارىسى كۇنستانز (1152 - 1198) نى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرگەن. ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپكە قاتنىشىپ شەرققە تاجاۋۇز قىلىش سەپىرىدە، كىچىك ئاسىيادا سۇغا چۆكۈپ ئۆلگەن. (2) (1657 - 1713) براندېنبۇرگنىڭ ئېمپېراتورى سايلىغۇچى كىنەزى (1688 - 1701، فرېدرىخ Ⅲ دەپ ئاتالغان)، پرۇسسىيە كورۇلى (1701 - 1713)، تەختتە تۇرغان مەزگىلدە فرانسىيەنىڭ ئوردا مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا چوقۇنۇپ، ھەدەپ بۇزۇپ چاچقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت ئىچىدە ئىقتىسادنى ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. سىرتقا قارىتا، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيىلەر بىلەن بىرلىشىپ فرانسىيىگە قارشى تۇرغان. كېيىن يەنە 1700 - يىلى ئاۋسترىيە بىلەن مەخپىي شەرتنامە ئىمزالاپ، كەلگۈسىدىكى فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا ئاۋسترىيىگە قوشۇن يەتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان، ئۇنىڭ بەدىلىگە <پرۇسسىيە كورۇلى> دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 1701 - يىل 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كيونىگسبېرگ (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كالىنىنگراد شەھىرى) تا تاج كىيىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، فرېدرىخ Ⅰ دەپ ئاتالغان، شۇنىڭدىن باشلاپ براندېنبۇرگ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بەگلىكى پرۇسسىيە پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان. ئىسپانىيەنىڭ تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، پرۇسسىيەنىڭ ياۋرۇپا زومىگەرلىكىنى تالىشىشىغا ئاساس سالغان.
دۇنيا تارىخى
(1) (1194 - 1250). سىتسىلىيە كورۇلى (1198 - 1250)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسنىڭ ئېمپېراتورى (1215 - 1250؛ 1220 - يىلى تاج كىيگەن). ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅵ بىلەن سىتسىلىيە مەلىكىسى، تەىت ۋارىسى كونستانزنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، گېرمان دىنىي ۋە دەھرىي بەگلەرنىڭ ئۆز خوجىلىق يېرىدە مەمۇرىي، ئەدلىيە ۋە مالىيە قاتارلىق ھەرخىل ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويغان ھەمدە شەھەرلەنىڭ خوجىلىق يەر ئىگىلىرىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈشىنى مەنئىي قىلغان؛ سىتسىلىيە پادىشاھلىقىدا ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان، مۇسۇلمانلاردىن دائىمىي ياللانما قوشۇن ئېلىپ، قۇدرەتلىك دېڭىز فلوتى قۇرۇپ، بىدئەتچىلەر ھەرىكىتىنى باستۇرغان. يەنە پۈتكۈل ئىتالىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما پاپانىڭ ۋە ئىتالىيىدىكى كۆپ قىسىم شەھەرلەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1228 - 1229 - يىللاردا ئەھلىسەلىپنىڭ 6 - قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىشنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلغان. (2) (1712 - 1786). پرۇسسىيەنىڭ كورۇلى (1740 - 1786). تارىختا <ئىمپېراتور فرېدرىخ> دەپ ئاتالغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە <تەرەققىپەرۋەر مۇستەبىتلىك>نى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھەربىي بيۇروكرات مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى نىقابلىغان. مالىيە ۋە ئەدلىيەنى تەرتىپكە سېلىپ، بىرقاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. ھەربىي جەھەتتە دادىسى فرېدرىخ ۋىلھېلىم Ⅰ نىڭ كونا تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيىسىنى 200 مىڭ كىشىدىن ئاشۇرۋەتكەن. كۆپ قېتىم تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن، ئاۋسترىيىنىڭ تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش جېڭىدە (1740 - 1748)ئاۋستىرىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، سىلتسىيەنى تارتىۋالغان؛ كېيىن يەنە يەتتە يىللىق ئۇرۇش (1756 - 1763) ۋە باۋارىيەنىڭ تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشى (1778 - 1779)غا قاتنىشىپ، پرۇسسىيەنىڭ ياۋرۇپادىكى ئورنىنى كۈچەيتكەن؛ 1772 - يىلى روسىيە ۋە ئاۋسترىيلەر بىلەن بىرلكتە پولشانى بىرىنچى قېتىم بۆلۈشۈۋېلىپ، تۆۋەندىكى ۋىسىۋا دەرياسى ۋادىسىدىكى غەربىي پرۇسسىينى ئىشغال قىلىپ، پومېرانىيە بىلەن شەرقىي پرۇسسىيىنى تۇتاشتۇرۇپ، بىر پۈتۈن رايونغا ئايلاندۇرغان. 1786 - يىلى يەنە شىمالىي قىسىم ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى ھەرقايسى گېرمان ئەللىرىنىڭ كورۇللىرى بىلەن بىرلىشپ، ئاۋسترىيىگە قارشى <بەگلىكلەر ئىتتىپاقى>نى تەشكىل قىلىپ، ئاۋسترىيىگە زەربە بېرىپ، پرۇسسىيەنىڭ گېرمانىيە دائىرىسىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتكەن.
دۇنيا تارىخى
(1596 - 1632)، گېرمانىيىدىكى پفالز (پالاتىنات) ئىمپېراتور سايلىغۇچى بېگى (1610 - 1623). ئەنگلىيە كورۇلى يامىس Ⅰ نىڭ كۈيئوغلى. كالۋىن دىنىنىڭ مۇرىتى. 1610 - يىلى دادىسى فرېدېرىك Ⅳ نىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ پروتېستانت ئىتتىپاقىنىڭ سەردارى بولغان. 1619 - يىلى چېخىيە كورۇلى قىلىپ كۆتۈرۈلگەن. 1620 - يىل 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چېخىيە قوشۇنى ئاق تاغ جېڭىدە كاتولىك ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، گوللاندىيىگە قېچىپ كەتكەن. پفالزنى ئىسپانىيە ئىشغال قىلۋالغان. 1623 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فېردىناند Ⅰ ئۇنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بەگلىك ئۇنۋانىنى تارتىۋېلىپ، باۋارىيە كىنەزى ماكسىمىليان Ⅰ غا بەرگەن.