Uyghur主要词典
فرېدرىكسھامن شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
يەنى <ھامىنا شەرتنامىسى> روسىيە ئىمپېراتورى ئالېكساندر 1 1808 - يىلى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى فىنلاندىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1809 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، روسىيە بىلەن شۋېتسىيە فىنلاندىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ھامىنا شەھىرىدە (فرېدرىكسھامن دەپمۇ ئاتىلىدۇ) شەرتنامە ئىمزالاپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، شۋېتسىيە ئالاند تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىنلاندىيىنى روسىيىگە رەسمىي كېسىپ بەرگەن.