Uyghur主要词典
فرونتىنۇ
دۇنيا تارىخى
(مىلادى تەخمىنەن 30 - 104) قەدىمكى رىم يازغۇچىسى. مىلادى 70 - يىلى شەھەرنىڭ چوڭ سوتچىسى بولغان. 73 - يىلى كونسۇللۇققا تولۇقلاپ سايلانغان. 75 - يىلى برىتانىيىنىڭ باش ۋالىيلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يەرلىك سىلۇرېسلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، رىم ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالغان؛ 87 - يىلى ئاگرىكولا ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن. تەخمىنەن 97 - يىلى سۇ ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، رىمنىڭ سۇ ئىنشائاتى ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ھازىرغىچە ئىككى پارچە ئەسىرى ساقلىنىپ قالغان: <ستراتىگىيە توغرىسىدا>دا قەدىمكى ھەربىي ئالىملارنىڭ يوقىلىپ كەتكەن بەزى سۆز - ھەرىكەتلىرى ساقلىنىپ قالغان؛ <رىم شەھىرىنىڭ سۇ يوللىرى توغرىسىدا> بولسا قەدىمكى رىم سۇ يوللىرى قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخى ۋە تېخنىكىۋى شەرت - شارائىتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.