Uyghur主要词典
فرانكلىن
مەشھۇر شەخسلەر
ئامېرىكا تارىخىدىكى خەلقئارا ئابرۇيغا ئىگە تۇنجى ئالىم ۋە كەشپىيـاتچـى فرانكلىن (1706 −1790 ) كىچىكىدە مەكتەپتـە ئىككى يـىـللا ئوقۇغـان. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى − پۈتۈنلەي قېتىرقىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەنلىكىنـىـڭ نەتىجىسى.
فرانكلىن ئاساسەن ئۆزىـنـىـڭ ئېلـېكتـر ئىـلـمـى جـەھەتـتـىـكـى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن مەشھۇر ئالىمغا ئايلانغان. بىر قېتىم ئۇ ئېلېـكـتـر ئىلمى تەجرىبىسى ئىشلەۋاتقاندا، ئايالى ئېھتىياتسىزلىقتىن، زەرەتلەنگەن مېتـال تاياقچىغا تېگىپ كېتىپ، «ۋاژ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇچقـۇن چـاچـراپ ئايالىنى توك سوقۇۋېتىدۇ. بۇ تاسادىپىي ئىشتىن فرانكلىن تەبىئىي چاقماق سۈنئىي پەيدا بولغان ئېلېكتر بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۇمكىنلىكىنـى ھېـس قىلىدۇ. ئۇ، بۇ قىياسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، يامغۇر يېغىپ چاقماق چاققانـدا لەگلەك ئۇچۇرۇشنى پىلانلايدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا ئېلېكـتـر ھۆل بـولـغـان لەگلەك يىپى بىلەن ئۆتۈپ كېلەلەيتتى. بۇ گەرچە ئىنتايىن خەتەرلـىـك ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەقىقەت ئۈچۈن ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ.1752
- يىلى7 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، فرانكلىـن لەگلـەك ۋە زەرەت قاچىلىغۇچنى ئېلىپ دالىغا بېرىپ، لەگلەك ئۇچۇرىدۇ، يامغۇر شارقـىـراپ يېغىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ چاقماق چاققاندا فرانكلىن بـىـر مـىـس ئاچقۇچنى لەگلەك يىپىغا چىگىپ قويـىـدۇ. توساتتىن چاقماق چېقىپ لەگلەك يىپىنىڭ بوش تالالىرى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغـان كـۈچ تىرەپ تۇرغاندەك تىك بولۇپ كېتىدۇ. فرانكلىن قولىنىڭ ئۇيۇشقانلىقـىـنى ھېس قىلىدۇ، ئۇ قولىنى مىس ئاچقۇچـنـىـڭ يـېـنىـغـا ئاپـارغـان ھامان، ئاچقۇچتىن ئۇچقۇن ئېتىلىپ چىقىدۇ. فرانكلىن «مېنى توك سوقتى! چاقماقنىڭ ئۆزى توك ئىكەن!» دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ، ئۇنـىـڭ تەلىيىگە بۇ قېتىم چۈشكەن چاقماق ئاجىزراق بولغاچقا، فرانكلـىـن يارىلانمايدۇ. نەتىجىدە، فرانكلىن ھاياتىنـىـڭ خـەۋپـكـە ئۇچـرىـشـىـغـا قارىماي چاقماقنىڭ سىرىنى ئېچىپ، كۆكتىكى چاقمـاق بـىـلـەن يـەردىـكـى زەرەت ئۇچقۇنى ياكى سۈركىلىشتىن پەيدا بولغان زەرەتنىڭ بىردەكلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ قېتىمقى مەشھۇر «لەگلەك تەجرىبىسى» ئەينى چاغدا پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان.
فرانكلىن ئاجايىپ تەجرىبە ئىقتىدارىنى ئاسـاس قـىـلـىـپ، ئېـلـېـكـتـر ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، مۇسـبـەت زەرەت، مـەنـپـي زەرەت، ئۆتكۈزگۈچ، باتارېيە، زەرەتلەش... دېگەندەك نۇرغۇن مەخسۇس ئاتالغۇلارنى ئىجاد قىلـىـدۇ، بـۇلار دۇنـيـادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان لېكسىكا تەركىبىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ماتېماتىكىدىكـى مەنپىي، مۇسبەت ئۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ، زەرەتنىڭ خاراكتېـرىـنـى تـۇنـجـى بولۇپ ئىلمـىـي ھالـدا مـۇسـبـەت زەرەت، مـەنـپـىي زەرەت ئۇقـۇمـى بـىـلـەن ئىپادىلەيدۇ ۋە زەرەت پەيدا بولمايدۇ ھەم يوقالمايدۇ دېگـەن ئىـدىـيـىـنـى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، كېيىنكىلەر مۇشۇ ئاساستا زەرەتنىڭ ساقلىنىش قانۇنىـنـى بايقايدۇ. ئۇ چاقماق قايتۇرغۇچ ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرنى ئەڭ بالدۇر ئوتـتـۇرىـغـا قويغان، مۇشۇ ئاساستا چاقماق قايتۇرغۇچنى يـاسـاپ، چـاقـمـاق ئاپىتىدىن ساقلىنىپ، خۇراپاتلىقنى تۈگەتكەن.
فرانكلىن يەنە مۇنەۋۋەر سىيـاسـىيون، ئامېرىكـا مـۇستەقـىللىق ئۇرۇشىدىكى پېشقەدەم جەڭچى. ئۇ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ۋە ئامېرىكـا ئاساسىي قانۇنىنى تەييارلاشقا قاتناشقان، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلـىـشـنـى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.
دۇنيا تارىخى
(1706 - 1790)، ئامېرىكىلق سىياسىئون،ئالى، يازغۇچى. ماسساچۇسېت شتاتىدىكى بىر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مەتبەئە شاگىرت ئۇستىسى بولغان. 1730 - يىل <پېنسىلوۋانىيە گېزىتى>نى نەشىر قىلغۇچى سودىگەر ۋە تاقاتقۇچىسى بولغان. 1731 - يىلى فىلادىلفىيە شەھىرىدە شىمالىي ئامېرىكا بويىچە تۇنجى ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرغان. 1743 - يىلى ئامېرىكا قىتئەسى پەلسەپە جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1751 - يىلى پېنسلوۋانىيە داشۆسىنى ئېچىشقا ياردەم بەرگەن. 1754 - يىلى ئەنگلىيەگە قارشلىق مۇستەملىكىلەر يىغىنىدا، مۇستەملىكىلەرنى بىرلەشتۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان. مۇستەقىللىك ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيەگە قارشى كۈرەشكە پائال قاتناشقان، 1775 - يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان ھەمدە <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى>نى يېزىشقا قاتناشقان. 1776 - يىلى فرانسىيىگە ئەلچىلىككە بېرىپ، فرانسىيە - ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى تۈزگەن (1778 - يىلى). 1781 - يىلى ئامېرىكىغا ۋاكىل بولوپ، ئەنگلىيە بىلەن تىنچىلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارغان. 1783 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن <پارىژ سۈلھ شەرتنامسىى>نى ئىمزالىغان. 1787 - يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىگە قاتناشقۇچى ۋەكىل بولۇپ، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە، چاقماق قايتۇرغۇچ، كۆزەينەك، ئەينەك تىللىق چالغۇ قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلغان. ئەدەبىيات جەھەتتە بىلىم سەۋىيىسى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، داڭلىق ئەسەرلىرىدىن <تەرجىمىھالىم> بار. پەلسەپە جەھەتتە تەبىئەت ئىلاھ نەزەرىيىسىنى ياقلاپ، تەبىئەن دۇنياسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.