Uyghur主要词典
فرانكفورت مىللىي پارلامېنتى
领域: دۇنيا تارىخىگېرمانىيىنىڭ 1848 - 1849 - يىللىرىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى ئاساسى قانون تۈزۈش مىللىي پارلامېنتى. 1848 - يىل 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى مائىن دەرياسى بويىدىكى فرانكفۇرت شەھىرىنىڭ سىت پائۇل چېركاۋىسىدا ئېچىلغان. گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرى جەمئىي 573 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى سايلاپ چىققان، لېكىن پارلامېنتقا 320 نەپەر ئەزالا قاتناشقان. بۇرژۇئازىيە لىبېرالىستلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا پادىشاھلىق ئاساسى قانونلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ياقلىغۇچىلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن. يىغىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە قاتماللىق ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىپ، ئىنقىلابتىكى مۇھىم مەسىلە، يەنى فېئوداللارنىڭ قالدۇقىنى يوقىتىش، مىللىي بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ھەل قىلمىغان؛ ھەر قايسى شىتاتلاردىكى فېئودال خانلارغا قارىتا مۇرەسسەچىلىك پوزىتسىيىسى تۇتقانلقتىن خەلق ئىچىدىكى ئىناۋىتى كۈندىن - كۈنگە چۈشۈپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئىمپېرىيە ئاساسى قانۇننى ماقۇللاپ، بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇپ، پادىشاھلىق ئورنىنى پرروسسىيە كورۇلىغا بېرىشنى قارار قىلغان، ھەرقايسى شىتاتلاردا كەڭ دائىرىلىك ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقى بولۇشنى بەلگىلىگەن. لېكىن بۇ پرروسسىيە، ئاۋىستىرىيە، باۋارىيە، ھاننوۋېر ۋە ساكسېن قاتارلىق شىتاتلاردىكى كورۇللارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. 1849 - يىلى 5 - ئاينىڭ باشلىرى گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنوبىي شىتاتلىرىدىكى خەلق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىمپېرىيە ئاساسىي قانونىنى قوغداش كۈرۈشىنى قوزغاپ، ئاقىۋەت مەغلوپ بولغان. 6 - ئاينىڭ باشلىرى پارلامېنت شتوتگارتقا يۆتكىلىپ، <قالدۇق پارلامىنت> بولۇپ تەشكىللەنگەن، 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋورتېمبىرگ ئارمىيىسى تەرپىدىن تارقىتۋىتىلگەن، كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。