Uyghur主要词典
فرانكفورت سۈلھ شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخىپرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1871 - يىل 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ۋېرسالدا فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە دەسلەپكى قەدەمدە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسىدە ئالساس (بېلفورت رايونى بۇنىڭ سىرتىدا) ۋە لوررانېنىڭ شەرقىي قىسمىنى (مىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) گېرمانىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ فرانسىيە 5 مىليارد فرانك تۆلەمنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەپ بېرىش؛ تۆلەمنى تولۇق تۆلەپ بولغاندىن كېيىن گېرمانىيە قوشۇنى فرانسىيە تۇپرىقىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىش بەلگىلەنگەن. فرانسىيە پوردۇ مىللىي پارلامېنتى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دەسلەپكى سۈلھ شەرتنامىسىنى قوبۇل قىلغان. 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى فرانكفۇرتتا رەسمىي سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى فرانسىيەبىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋام قىلغان كېلىشمەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە پۈتكۈل ياۋرۇپادىكى جىددىي ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرۋەتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。