Uyghur主要词典
فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق
领域: دۇنيا تارىخىفرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ناپولېئون ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان مەزگىلدە، ئەنگلىيە ۋە ياۋرۇپادىكى ئاساسلىق فېئودال دۆلەتلەرنىڭ فرانسىيىگە قوراللىق ئارىلىشىشتىكى ئەكسىيەتچى ئىتتىپاق. ئىتتىپاق جەمئىي يەتتە قېتىم قۇرۇلغان. (1) 1793 - يىلى ئەتىيازدا ئەنگلىيە، گوللاندىيە، ئاۋستىرىيە، پرۇسسىە، ئىسپانىيە، ساردىنىيە، نېئاپول ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەكىپ تاپقان بولۇپ، فرانسىيە زېمىنىغا تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان. شۇنداقلا فرانسىيىدىكى پادىشاھپەرەسلەرنىڭ توپىلىڭىنى قوللىغان. 1794 - يىلى 6 - ئايدىكى فلېريوس جېڭىدە فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە تارمار قىلىنغان. 1797 - يىلى 10 - ئايدا <كلپوفورمو سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغان، كېيىن يەنە ئەنگلىيەنىڭ <ئامېنس سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاشقا مەجبورلىغان، ئىتتىپاق پارچىلىنىپ كەتكەن. (2) 1798 - يىلى 12 - ئايدا ئەنگلىيە، روسىيە، ئاۋستىرىيە، نېئاپول، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. 1794 - يىلى 6 - ئايدا، ناپولېئون ئىتالىيىنىڭ مارېنگو جېڭىدە ئاۋسترىيەنىڭ ئاساسىي قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاۋسترىيەنى <لۇنېۋىللا سۈلھ شەرتنامىسى"نى ئىمزالاشقا مەجبور قىلغان. كېيىن يەنە ئەنگلىيەنى >ئامېنس سۈلھ شەرتنامىسى<نى ئىمزالاشقا مەجبورلىغان. كېيىن ئىتتىپاق تارقىلىپ كەتكەن. (3) 1805 - يىلى يازدا ئەنگلىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسىيە، نېئاپول قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. ئىسپانىيە، باۋارىيە، ۋېتېمبېرگ قاتارلىقلار فرانسىيە تەرەپتە تۇرغان. 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ناپولېئون ئوستېرلىس جېڭىدە روسىيە - ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇبيەتكە ئۇچرىتىپ، >پرسبورگ سۈلھ شەرتنامىسى<نى ئىمزالىغان (12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى)، ئىتتىپاق مەغلۇپ بولغان. (4) 1806 - يىلى 9 - ئايدا، ئەنگلىيە، پروسىيە، روسىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. 10 - ئاينىڭ 41 - كۈنى ناپولېئون يېنا جېڭى ۋە ئاۋئەرشتىد جېڭىدە پروسسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىپ، ئەسكەرلىرىنى باشلاپ بېرلىنغا بېسىپ كىرگەن؛ 1807 - يىلى 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ۋە 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئېيلەۋ ۋە فرىدلاند جېڭىدە روسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، روسىيە بىلەن پروسسىيىنى >تىلىست سۈلھ شەرتنامىسى<نى (1807 - يىل 7 - ئاينىڭ 7، 9 - كۈنى) ئىمزالاشقا مەجبور قىلغان. ئىتتىپاق يەنە بىرقېتىم مەغلۇپ بولغان. (5) 1809 - يىلى ئەتىيازدا ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان. 7 - ئايدا ناپولېئون ۋاگرام جېڭىدە ئاۋسترىيە ئارمىيسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى >ۋېنا سۈلھ شەرتنامىسى<نى ئىمزالاشقا مەجبور قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ناپولېئون پۈتۈن غەربىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. (6) 1813 - يىلى ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا لېيپسېگ جېڭىدە ناپولېئون مەغلۇپ بولغان. ئىككىنچى يىلى 3 - ئايدا فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئارمىيىسى پارىژغا بېسىپ كىرگەن. 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ناپولېئون تەختتىن چۈشكەن ۋە ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. بوربون خاندانلىقى قايتا تىكلەنگەن. (7) 1815 - يىلى 3 - ئايدا، ناپولېئون پارىژغا قايتىپ كېلىپ، تەختكە چىققان. ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قايتىدىن فرانسىيىگە قارشى يەتتىنچى قېتىم ئىتتىپاق تۈزگەن. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋاتېرلوئو جېڭىدە ناپولېئون مەغلۇپ بولغان. 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىككىنچى قېتىم تەختتىن چۈشۈپ، مۇقەددەس ھىلېنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. بوربون خاندانلىقى ئىككىنچى قېتىم قايتا تىكلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن 22 يىلدىن ئوشۇقراق داۋاملاشقان فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。