Uyghur主要词典
فرانسىيىگە قارام ئېكۋاتور ئافرىقىسى
领域: دۇنيا تارىخىفرانسىيەنىڭ ئافرىقىنىڭ ئوتتورا رايونلىرىدىكى مۇستەملىكىسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، چاد، ئۇبانگى چارى (ھازىرقى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى)، مەركىزى كونگو (ھازىرقى كونگو جۇمھۇرىيىتى) ھەمدە گابون قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1910 - يىلى قۇرۇلغان. 1911 - يىلى گېرمانىيىگە <ئۆتۈنۈپ> بېرىش ئارقىلىق گېرمانىيىنى فرانسىيەنىڭ ماراكەشكە بولغان ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرشىدىن كېيىن فرانسىيىگە ياندۇرۇپ بېرىلگەن. فرانسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىي تۇرغۇزۇپ، بارلىق سىياسىي ئىشلارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۋالغان. تۆت رايوننىڭ ھەربىرىگە بىر نەپەردىن ئەمەلدار قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلك ۋالىي ئالدىدا جاۋبكار بولغان. 1957 - يىلى بۇ تۆت رايون ئايرىم - ئايرىم ھالدا <يېرىم ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيەت>كە ئۆزگەرتىلگەن ۋە ھەربىرىدە يەرلىك پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت كومىتېتى تەسىس قىلغان، لېكىن ئەمەلىي ھوقۇق يەنىلا فرانسيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلك ۋالىيسىنىڭ قولىدا بولغان. 1959 - يىلى تۆت رايون <فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى> ئىچىدىكى ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتى بولغان. 1960 - يىلغا كەلگەندە ئارقىمۇ ئارقا مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。