Uyghur主要词典
فرانكونىيە خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
سالىئېرخاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى فېئوداللىق خاندانلىق (1024 - 1125). فرانكونىيە گرافى كونراد قۇرغان. ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى رىتسارلار خۇسۇسىي خادىملار ۋە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان شەھەر ئاھالىلىرىغا تايىنىپ، چوڭ فېئوداللارغا قارشى كۈرەشقىلىپ، خان جەمەتىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن؛ئىتالىيىگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن؛ رىم پاپاسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىپ، 1122 - يىلى <ۋورمىس دىنى كېلىشىمى> ئىمزالىغاندىن كېيىنلا ۋاقتىنچە مۇرەسسەگە ئۆتكەن. ئۆتكەن كورۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەختتىكى يىللىرى مۇنداق: كونراد 2 (1024 - 1039)، ھېنرى 3 (1039 - 1056)، ھېنرى Ⅳ (1056 - 1106)، ھېنرى 5 (1106 - 1125).