Uyghur主要词典
فرانسىيە خەلق فرونتى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيەنىڭ فاشىزمغا قارشى بىرلىك سېپى. بۇ بىرلىك سەپكە كوممۇنىستىك پارتىيە، سوتسىيالىستلار پارتىيسى، رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋە باشقا سول قانات پارتىيە - گورۇھلار قاتناشقان. 1935 - يىلى 5 - ئايدا ئورتاق ھەرىكەت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەمۇرىي سايلام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ سايلىمى ئارقىلىق غەلىبە قىلغان ھەمدە 1935 - يىلى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى نامايىش ۋە يىغىلىشتا ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلغان. 1936 - يىلى 1 - ئايدا پروگرامما ئېلان قىلغان. بۇ پروگراممىنىڭ مەزمونى: ئىچكى جەھەتتە فاشىستىك تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىنى تارقىتىۋېتىپ، ھەر ھەپتىدە 40 سائەتلىك ئىش تۈزۈمى ۋە باج ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىش؛ ھەربىي سانائەتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش ۋە فرانسىيە بانكىسىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش؛ سىرتقا قارىتا خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كوللىكتىپ بىخەتەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.شۇ يىلى 4 - 5 - ئايدا ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان. 6 - ئايدا خەلق فرونتىنڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن. دەسلەپتە بەزى ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان. لېكىن مونوپول كاپىتالىنىڭ بېسىمى ئاستىدا سوتسىيالىستلار پارتىيسى ۋە رادىكال سوتسىيالسىتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەلق سېپى پروگراممىسىغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە ئوڭ قانات كۈچلەر بىلەن مۇرەسسەلەشكەن، سىرتقا نىسبەتەن مادارچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزگەن. 1938 - يىلى <ميونخېن كېلىشىمى> ئىمزالانغاندىن كېيىن ئىچكى قىسىمدا پارچىلىنىش يۈز بەرگەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، خەلق فرونتى ئىسمى بار جىسمى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.