Uyghur主要词典
فرانسىيە خەلق ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىدىكى تۆتىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە قۇرۇلغان بۇرژۇئازىيە پارتىيىسى. 1947 - يىلى 4 - ئايدا قۇرۇلغان. دېگولل رەئىس، سۇسىتېللې (1912 - ) باش سېكرىتارلىققا تەيىنلەنگەن. تۆتىنچى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنغا كۈچلۈك قارشى تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، پالامېنتنىڭ فۇنكىسىيىسىنى چەكلەشنى ھەمدە فرانسىيەنىڭ سول قانات كۈچلىرىنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. پارتىيىدىن تاشقىرى بىرلىشىشنى تەرغىپ قىلغان ۋە مىللەتچىلىكنى تەرغىپ قىلغان. 1947 - يىلدىكى شەھەر مەمۇرىيىتى سايلىمى ۋە 1951 - يىلدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپىقىيەت قازانغان. لېكىن 1953 - يىلدىكى شەھەر مەمۇرىيىتى سايلىمىدا يېڭىلىپ، دېگولل ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنڭدىن كېيىن ئىسمىنى سوتسىيال جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە يىمىرىلگەن. 1955 - يىلغا كەلگەندە تارقىتىلغانلىقى رەسمىي جاكارلانغان.