Uyghur主要词典
فرانسىيە فېدېراتسىيىسى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەملىكە خەلقلىرىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشى كۈنسايىن ئولغىيۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا قۇرۇلغان. 1946 - يىلى تۆتىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا بىنائەن ئەسلىدىكى فرانسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، فرانسىيىگە قاراشلىق مۇستەملىكە، ۋەكالىتەن باشقۇرۇلىدىغان جاي ۋە ھامىيلىقتىكى دۆلەت دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىغان. يەنى (1) چەت ئەللەردىكى ئۆلكىلەر (ماتىنىك، گۋادلوپو، فرانسىيىگە قاراشلىق گۋىئانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ (2) چەت ئەللەردىكى زېمىن (فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقا، فرانسىيىگە قاراشلىق ئىكۋاتور ئافرىقىسى، ماداغاسقار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ (3) بىرلەشتۈرۈلگەن زېمىنلار (توگو، كامىرون) ۋە قاتناشقان دۆلەت (ھىندىچىنى، ماراكەش، تۇنىس قاتارلىقلار). فېدېراتىپتا ئالىي كومىتېت ۋە پارلامېنت تەسىس قىلغان، فېدېراتىپ زۇڭتۇڭلۇقنى فرانسىيە زۇڭتۇڭى ئۆتىگەن. فرانسىيە ھۆكۈمىتى فېدېراتىپ شەكلى بىلەن كونا مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان، لېكىن مۇستەملىكە خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشلىقى ئاستىدا قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. 1958 - يىلى 9 - ئايدا فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن