Uyghur主要词典
فرانسىيە سېنتەبر ئىنقىلابى
领域: دۇنيا تارىخىپارىژ خەلقىنىڭ ئىككىنچى ئىمپېرىيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى. 1870 - يىلى 7 - ئايدا پروسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئارمىيىسى كەينى - كەينىدىن پاجىئەلىك ھالدا مەغلۇپ بولغان. 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سېدان دېگەن جايدىكى جەڭدە فرانسىيە ئارمىيىسى يېڭىلگەن، ئىككىنچى كۈنى تەسلىم بولغان. ناپولېئون Ⅲ ئەسىرگە چۈشكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پارىژ خەلقى قاتتىق غەزەپلەنگەن، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئىنقىلاب پارتلاپ ئون مىڭلىغان ئامما كوچىغا چىقىپ، قانۇن تۇرغۇزۇش ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جاي - بوربون ئوردىسىنى قورشىۋالغان. خەلقنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئارقىسىدا جۇمھۇرىيەتلەردىن گامبېتتا قاتارلىق كىشىلەر ئىمپرىيە تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبور بولغان ھەمدە شەھەر مەمۇرىيىتى زالىدا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇرژۇئازىيە غالىبىيەت مېۋىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。