Uyghur主要词典
فرانسىيە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى
领域: دۇنيا تارىخىتولۇق ئىسمى رادىكال جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيسى. فرانسىيەنىڭ سىياسىي پارتىيسى. 1901 - يىلى فرانسىيىدىكى ھەرقايسى رادىكال سىياسىي گۇرۇھلىرى بىرلىشىپ تەشكىللەنگەن. ئاساسلىق رەھبەرلىرى كېمېنكېئو، خېررىئوت قاتارلىقلار. ئاساسەن شەھەردىكى ئوتتۇرا، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلغان. 1907 - يىلى رەسمىي پروگرامما ماقۇللىغان. 1924 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن سول قانات ئىتتىپاق تۈزۈپ، كۆپ قېتىم ھۆكۈمەتكە قاتناشقان. 1935 - 1938 - يىللىرى كوممۇنىستىك پارتىيىسى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن خەلق فرونتى تەشكىللىگەن. مەزكور پارتىيىنىڭ ئەزالىرى كۆپ قېتىم كابېنىت تەشكىللەپ، سرتقا قارىتا ماداراچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، مىيونخېن شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان، گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق - كېڭەينىچىلىكىگە يول قويۇپ، خەلق فرونتىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، بىر مەھەل پارچىلىنىپ كەتكەن. 1944 - يىلى قايتىدىن قۇرۇلغان. كېيىن كۆپ قېتىم كابىنېتقا قاتناشقان ياكى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن، لېكىن تەسىرى ئاجىزلاپ كەتكەن. 60 - يىللاردىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز تۈردە باشقا پارتىيە - گۇروھلار بىلەن ئىتپاقلاشقان. 1965 - يىلى <دېموكراتلار ۋە سوتسىيالىستلار سول قانات ئىتتىپاقى>غا قاتناشقان. 1971 - يىلى ئىچكى قىسىمدا پارچىلىنىش يۈز بەرگەن، ئۇنىڭ ئوڭ قانىتى <دېموكراتىيە مەركىزى>بىلەن ھەمكارلاشقان، سول قانىتى كوممونىستىك پارتىيىسى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن ئىتتىپاق تغزگەن ھەمدە 1973 - يىلى <سول قانات رادىكاللار پائالىيىتى>نى قۇرغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。