Uyghur主要词典
فرانسىيە قارشىلىق ھەرىكىتى
领域: دۇنيا تارىخىئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرى فرانسىيەنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى. 1940 - يىلى 6 - ئايدا دېگولل لوندوندا قاچاق ھۆكۈمەت <ئەركىن فرانسىيە> نى قۇرغان، ئىككىنچى يىلى 9 - ئايدا فرانسىيە مىللىي كومېتىتى قۇرۇلۇپ، فرانسىيەنىڭ قارشىلىق كرسىتىش ھەرىكىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ۋە سابىق فرانسىيىگە قارام مۇستەملىكە خەلقلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، كۈچ جەھەتتە كۈنسايىن زورايغان. مەملىكەت ئىچىدە فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى <مىللىي فرونت> ۋە باشقا قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇپ، ئىش تاشلاش ۋە پارتىزانلىق ئۇرۇشى قانات يايدۇرۇلغان. 1943 - يىلى 5 - ئايدا، مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پارتىيىلەر بىرلىشىپ <مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش كومېتىتى> تەشكىللىگەن. شۇ يىلى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئالجىرىيىدە <فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومېتىتى> قۇرۇلغان، بۇنىڭغا مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتش تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئىككىنچى يىلى 6 - ئايدا نامى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىيە ئارقىلىق قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قوماندانلىقىدىكى مۇنتىزم ئارمىيە بىلەن مەملىكەتتىكى پارتىزانلار زىچ ماسلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قايتۇرۋالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。