Uyghur主要词典
فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيەنىڭ ناپولېئون Ⅰ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن چاغدىكى پادىشاھلىق ئىستېبداتلىق دۆلەت (1804 - 1814، 1815). 1804 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، سېنات ناپولېئوننى فرانسۇزلارنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان كورۇلى دەپ جاكارلاپ، ناپولېئون Ⅰ دەپ ئاتىغان. 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى رىما پاپاسى پىئۇس Ⅶ پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋسىدا ناپولېئونغا تاج كىيدۈرۈپ، رەسىمىي ئىمپېرىيە تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ سەككىزىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىغا ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئون ئىككىنچى يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى دەپ ئاتىغان. ناپولېئون6 - قېىتملىق فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، 1814 - يىل 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بىرىنچى قېتىملىق تەختتىن چۈشكەن، ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، بوربون سۇلالىسى بىرىنچى قېىتم قايتا تىرىلگەن. 1815 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ناپولېئون قايتىدىن ئورنىغا چىقىپ، يۈز كۈنلۈك سۇلالىنى قۇرغان. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋاتېرلودا7 - قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. 22 - كۈنى يەنە بىر قېتىم تەختتىن چۈشۈپ، بىرىنچى ئىمپېرىيە ئاخىرلاشقان.