Uyghur主要词典
فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى
دۇنيا تارىخى
(1789 - 1794-يىللىرى فرانسىيە بۇرژئازىيىسى رەبەرلىكىدىكى فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كاپىتالىزم تۈزمىنى ئورناتقان. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى فرانسىيىنىڭ فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئىنتايىن چىرىكلىشىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، دۆلەت ئىچىدكى زىددىيەتلەر كۈندىن - كۈنگە كەسكىنلىشىپ كەتكەن. 1789-يىلى 5-ئايدا پادىشاھ ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى ئېچىشقا مەجبۇر بولغان. خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ئارقسىدا، ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەرۋەكىللىرى پادىشاھ باشچىلىقىدىكى ئىمتىيازلىق تەبىقىلەرگە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، پارىژ خەلقى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ئىنقىلاب پارتىلغان. دەسلەپ چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە لىبرال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەتئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرەپدارلىرى )كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە فېيلانتسچىلار دەپ ئاتالغان( ھوقۇق ئىگخلىگەن. خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپى بىلەن ئانچە مۇھىم بولمىغان بەزى فېئودال ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان؛ بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ سىياىسي پروگراممىسى <كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلغان؛ <1791-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن> نى تۈزۈپ چىقىپ، پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئورناتقان. لېكىن پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرەپدارلىرىنىڭ يەر سىياسىتى ئانچە ئۈزل - كېسىل ئېلىپ بېرىلمىغان، شۇنىڭدەك ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشىنى چەكلەيدىغان <لې چاپېلېر قانۇنى> نى ئېلان قىلغان، پادىشاھنىڭ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاقلىغان، مارس مەيدانىدىكى نامايىشچى ئاممىنى باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن، خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى پارىژ خەلقى ئىككىنچى قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرەپدارلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، سودا - سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەر - گىروندېچىلار ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن. 9-ئاينىڭ 21-كۈنى مىللىي ئۇيۇشما چاقىرىپ، ئىككىنچى كۈنى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان، كېيىن پادىشاھ لۇئى 16 نى سوراققا تارتقان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. گىروندېچىلار فېئودال مۈلۈكچىلىكنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتالمىغان، چەت ئەلنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە قارشىلىق كۆرسىتەلمىگەن، ئاقىۋەت، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسدىي ئەھۋال يامانلىشىپ، پادىشاھ تەرەپدارلىرى تەرەپ - تەرەپتە توپىلاڭ كۆتۈرگەڭ. 1793-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 2-كۈنى پارىژ خگلقى ئۈچىنچى قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گىروندېچىلار ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇۇرپ تاشلاپ، ئوتتۇرا - كىچىك بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىنقىلابىي دېموكراتچىلار - ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىلىقىنى ئورنىتىپ، ئىنقىلابنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان؛ <1793-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن>، <يەر قانۇنى>، <مەملىكەتلىك ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى>، <گۇمانلىق جىنايەتچىلەر نىزامى>، <باھانى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش قانۇنى> قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان؛ ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى، ئامانلىقنى ساقلاش كومىتېتى ۋە ئىنقىلابىي سوتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن؛ ھەربىي، مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت ئىچىدىكى توپىلاڭنى تېزلىكتە تىنچىتىپ، چەت ئەلنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىنى تارمار قىلغان. لېكىن ياكوبىنچىلار <لى چاپېلېر قانۇنى> نى يەنىلا ساقلاپ قېلىپ، ئىشچىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىش ھەققى چېكىنى بەلگخلەپ، يەرنى ھەقسىز تەقسىم قىلىشقا قارشى تۇرغان. شۇنىڭدەك ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئېبېرتچىلار، دانتونچىلارنى باستۇرغان، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاققا بۇرغۇنچىلارنى باستۇرغان، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىچكى قىسىمدىكى بىرلىكنى ۋە ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرغان. 1794-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئاغدۇرۇلغان. ھاكىمىيەت چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، تومۇز ئېيى پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تىكلەنگەن. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى كەڭ كۆلەملىك ۋە چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق سىياسىي ئىنقىلاب ۋە ئىجتىمائىي ئىنقىلاب بولۇپ، فرانسىيىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىنى بىتچىت قىلىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ فېئوداللىققا قارشى كۈرىشىنى ئىلگخرى سۈرگەن. فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى كۆزقاراشلار بىردەك ئەمەس، ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل: بەزىلەر 1789-يىلىدىن 1794-يىلىغىچە دېيىشىدۇ، يەنە بەزىلەر 1789-يىلىدىن 1804-يىلغىچە ياكى 1789-يىلىدىن 1814-يىلىغىچە )ياكى 1815( دەپ قارايدۇ.