Uyghur主要词典
فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيتى
领域: دۇنيا تارىخىفرانسىيەنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيە (1848 - 1852). 1848 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابى ئىيۇل سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن لامارتىنې باشچلىقىدىكى 11 كىشلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئېچىلغان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىدا بەش كىشلىك ئىجرائىيە ئىجرائىيە كومىتېت قۇرۇلغان. ئىيۇن قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، كاۋاپگناك فرانسىيەنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن. 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئېلان قىلغان. 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا لۇئى ناپولېئون بۇناپارت زۇڭتۇڭ بولغان. 1851 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى لۇئى ناپولېئون بۇ ناپارت سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان، ئىككىنچى يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كورۇل بولۇپ، ناپولېئون Ⅲ دەپ ئاتالغان. ئىككىنىچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئورنىنى ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئىگىلىگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。