Uyghur主要词典
فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسى
领域: دۇنيا تارىخىفرانسىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. گېسدې ۋە لافارگې رەھبەرلىك قىلغان. 1880 - يىلى 11 - ئايدا لېخاۋرې ئىشچىلار قۇرۇلتىيىدا رەسمىي قۇرۇلغان ھەمدە ماركسنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن پارتىيە پروگراممىسى (يەنى <لېخاۋرې پروگراممىسى>) ماقۇللانغان. 1882 - يىلى گېسدېچىلار بىلەن مۇمكىنچىلەر ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش پارتىيىنىڭ پارچىىنىشىغا سەۋەب بولغان، شۇنىڭدىن كېيىىن گېسدېچىلار ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ نامىنى ساقلاپ قالغان. مۇمكىنچىلەر بولسا سوتسىيالىزمچى ئىشچىلار ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. ئىشچىلار پارتىيىسى فرانسىيىدە ماركىسزمنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغان، لېكىن پارلامېنت كۈرىشىگە بەكلا بېرىلىپ كەتكەن، بۇلاڭئېر ۋە دىرېيفۇس ۋەقەسىدە ئارىلاشماسلىقتەك خاتا مەيدان قوللانغان. 1901 - يىلى لېئون قۇرۇلتىيىدا يۇرېس باشچىلىقىدىكى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن گېسدېچىلار ھەم بلانكىچىلارنىڭ ئىنقىلابىي سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن تەشكىللەنگەن فرانسىيە سوتسىيال پارتىيىسىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。