Uyghur主要词典
فرانسۋا پونسېت
دۇنيا تارىخى
(1887 - 8197) «فرانسۋا - پونسېت»فرانسىيە دىپلوماتى. فرانسىيە پەنلەرئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى (1952). پارىژئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1924 - يىلى پارلامېنتقا كىرگەن. 1928 - يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1930 - 1931 - يىللىرى خەلق ئىگىلىكىمىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېرلىن ۋە رىمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. پۈتۈن كۈچى بىلەن تىنىچلاندۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئىزچىل ھالدا گېرمانىيە - ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىكىنى ئاقلىغان، گېرمانلار پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىنمۇ ئۈمىدىنى يەنىلا مۇسسۇلىننىڭ كېلىشتۈرۈشىگە باغلىغان. 1943 - 1944 - يىللىرى گېرمانىيىدە قاماقتا ياتقان. ئۇرۇشتىن كېيىن، 1945 - 1953 - يىللىرى گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىم بولغان.1953 - 1955 - يىللىرى بوننىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. <بېرلىندا باش ئەلچى بولغان مەزگىللىرىم توغرىسىدا ئەسلىمىلەر>، <ۋېرسالدىن پوتىسدامغىچە> دېگەن ئەسەرلىرى بار.