Uyghur主要词典
فرانس فېردىناند
دۇنيا تارىخى
(1863 - 1419) خابىسبۇرگ - ئېستې كىنەزى، فرانس جوسېف Ⅰ نىڭ جيەنى. 1889 - يىلى خابىسبۇرگ خان جەمەتىنىڭ ۋارىسى قىلىپ تىكلەنگەن. مىلىتارىست ۋە كېڭەيمىچى، ھەربىيلەر پارتىيىسىنىڭ باشلىقى. 1898 - يىلدىن باشلاپ ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان. بوسىنىيە ۋە گېرتسېگوۋېنانى يۇتۇۋېلىشنى جان جەھلى بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، 1908 - يىلى بوسىنىيە كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يۇگوسلاۋىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇش ھەمدە مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي زىددىيەتنى كېلىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى باشلىقلىق ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ۋە كرودىيە (خوراۋتىيە)دىن تەركىب تاپقان <ئۈچ بىرلەشمە دۆلەت> قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1914 - يىلى 6 - ئايدا، بوسنىيەنىڭ سارايېۋو دېگەن يېرىدە سېربىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى تەرىپىدىن قەتل قىلىنىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. <سارايېۋو ۋەقەسى> گە قارالسۇن.