Uyghur主要词典
برونزا قوراللار دەۋرى
ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى
برونزا قوراللار دەۋرى تاش قوراللار دەۋرى، مېتال - تاش قوراللار دەۋرىدىن كېيىنكى ئىنسانلارنىڭ يەنە بىر تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچى بولۇپ، ئىنسانلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەقىقىي مېتال قوراللار دەۋرىگە قەدەم قويغان.
برونزا مىس بىلەن سىنكنىڭ قېتىشمىسى بولۇپ، رەڭگى كۈل رەڭ، ئېرىش نۇقتىسى تۆۋەن، قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، نەرسىلەرنى ياساش ئاسان، ھەر خىل سايمانلار ۋە بېزەك بۇيۇملىرىنى ياساشقا باب كېلىدۇ. برونزا دەۋرىگە كەلگەندە،ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى خېلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تاش قوراللارنى ئىشلىتىش يەنىلا داۋاملاشقان.
قەدىمكى مىسىر، قەدىمكى غەربىي ئاسىيا، قەدىمكى ھىندىستانلار دۇنيادا برونزا قوراللاردىن ئەڭ بالدۇر پايدىلانغان رايونلار بولۇپ، ئۇلار مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى3000 - يىللاردىلا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ برونزا قوراللار دەۋرىگە قەدەم قويغان. جۇڭگونىڭ شىمالىدا تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2000 - يىللىرىلا برونزىدىن ياسالغان سايمان - جابدۇقلار مەيدانغا كەلگەن، جەنۇبىدا تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2000 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1000 - يىللىرى برونزا قوراللارنى ئىشلىتىش باشلانغان. ياۋروپادا تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2000 - يىللىرى برونزا قوراللىرى ئىشلىتىلگەن. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پېرۇ ئېگىزلىكى تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1000 - يىللىرى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ برونزا قوراللارنى ياساش مەركىزىگە ئايلانغان. ئافرىقىنىڭ شىمالى ۋە غەربىي قىسىملىرى ئافرىقا بويىچە برونزا قوراللار بىرقەدەر تەرەققىي تاپقان رايونلار ھېسابلانغان.
برونزا قوراللار دەۋرى قۇللۇق جەمئىيەت پەيدا بولغان، ئىپتىدائىي جەمئىيەت يەنىمۇ يىمىرىلگەن دەۋر. دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بەزى رايونلاردا برونزا قوراللار دەۋرىدىلا دۆلەت پەيدا بولۇپ، قۇللۇق جەمئىيەتكە كىرگەن، بەزى رايونلار يەنىلا ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بولۇپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈش باسقۇچىدا تۇرغان.
دۇنيا تارىخى
ئارخېئولوگىيىدە قىزىل مىس قورال دەۋرىدىن كېيىنكى، تۆمۈر قورال دەۋرىدىن بۇرۇنقى بىر دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. برونزا قىزىل مىس بىلەن قەلەينى ئاساسىي تەركىب قىلغان قېتىشما. ئۇ ئېرىش نۇقتىسى تۆۋەن، قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېھتىياج بويىچە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قەلەي مىقدارىنى كۆپەيتكىلى ياكى ئازايتقىلى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان قاتتىقلىققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؛ ئېرىتمىنى قۇيغاندا كۆيۈكلىشىش ئاز بولىدۇ، ئۆتكۈر، بىسلىق ئەسۋابلار ۋە نازۇك نەقىش قاتارلىقلارنى ئاساس قويغىلى بولىدۇ. برونزا دەۋرىدە، نەقىش قاتارلىقلارنى ئاساس قۇيغىلى بولىدۇ. برونزا دەۋرىدە، تاش قوراللارنى ئىشلىتىش چەتكە قېقىلىمىغان، بەزى رايونلار ئىپتىدائىي جەمىئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تۇرغان، بەزى رايونلار قۇللۇق جەمئىيەتكە قەدەم قويغان. مېسوپوتامىيە ۋادىسى ۋە مىسر قاتارلىق جايلاردا مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى برونزا دەۋرى باشلانغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن برونزا دەۋرىگە قەدەم قويغان رايونلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.