Uyghur主要词典
برونېي پادىشاھى مەقبەرەسى
领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىئىسلام دىنىدىكى برونېي دۆلىتىنىڭ پادىشاھى مانا نۇقاي (1380 - 1408) نىڭ مەقبەرىسى بولۇپ، ئورنى نەنجىڭنىڭ ئەندېمېن قوۋۇقى سىرتىدىكى ۋۇگۇيشەن تېغىنىڭ باغرىدا. خاتىرىلەردىن قارىغاندا، 1408 - يىلى 8 - ئايدا برونېي پادىشاھى خوتۇنى، ئۇكىسى، سىڭلىسى، ۋەزىرلىرى بولۇپ 150 نەچچە ئادەمنى باشلاپ جۇڭگوغا دوستانە زىيارەتكە كەلگەن. نەنجىڭدا كاتتا كۈتۈۋېلىنغان ھەمدە نۇرغۇن سوۋغا تەقدىم قىلىنغان. پادىشاھ يولدا ھېرىپ ئاغرىپ قالغاچقا، شۇ يىلى 10 - ئايدا 28 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە جەسىتى جۇڭگوغا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭغا ئاتاپ مەقبەرە ياسىتىلغان. ئەتىياز، كۈزدە مەقبەرەنى سۈپۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىلىپ تۇرغان. مەقبەرەنىڭ ئالدىغا چىرايى ياقا يۇرتلۇققا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۆلىما ۋە سانغۇننىڭ تاش ھەيكىلى ئورنىتىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。