برۇتسېلليۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل، كېسەل قوزغاتقۇچىسى برۇتسېلليۇز تاياقچە باكتېرىيىسى. ئۇ ئۆچكە، كالا، قوي، چوشقا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ بالا تاشلاش كېسىلى بولۇپ، نەسىللىنىش ئەزالىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى، بالا تاشلاش، تۇغماسلىق ۋە باشقا ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.