Uyghur主要词典
بروندال
دۇنيا تارىخى
(1887 - 1942) دانىيىلىك تىلشۇناس . كوپېنھاگېن داشۆسىنىڭ دوكتورى، مەخسۇس رومان تىلى تەتقىقاتچىسى. كېيىنچە پارىژدا بىلىم ئاشۇرغان ھەم ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1928-يىلىدىن باشلاپ كوپېنھاگېن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. تىلشۇناسلىقتا دانىيە ئىلمىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1931-يىلى دانىيە تىلشۇناسلىق جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇ <ئومۇمىي تىلشۇناسلىق> نى تەشەببۇس قىلىپ، تىلدا ئەبەدىي ئۆزگەرمەس ئامىللار مەۋجۇت، دەپ قارىغان، ئۇنىڭ <قۇرۇلما تىلشۇناسلىق> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.