Uyghur主要词典
برەتىئانۇ
دۇنيا تارىخى
(1) يون ك. برەتىئانۇ (1821- 1891)، رومىنىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1876 - 1888). ۋالاخىيىدە پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1848-يىلى ۋالاخىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان. كېيىن بۇخارېست ساقچى باشلىقى بولغان. خەلقنى قوراللاندۇرۇپ تۈركىيىنىڭ مۇداخىلىچى قوشۇنىغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە قارشى تۇرغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن فرانسىيە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان (1848 - 1857). ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋالاخىيە بىلەن مولداۋاىيە بىرلىشىپ رومنىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1866-يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ غەلىتە ئىتتىپاقنى ھىمايە قىلغان، يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرۇپ، كىنەز كۇزانى ئاغدۇرۇش سۇيىقەستىگە قاتناشقان، پرۇسسىيە شاھزادىسى كارول Ⅰ نىڭ رومىنىيىگە كىنەز بولۇشىنى قوللىغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغىنىدا 1877 - 1878-يىللاردىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، رومىنىيىنىڭ تۈركىيىدىن ئايرىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى (1877يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنى) جاكارلىغان. 1883-ىلى ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىغا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە بانكىسى بىلەن بىر قاتار قەرز پۇل ئېلىش توختامى تۈزگەن. يەنە ئىشچى ۋە دېھقانلارنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرغان. (2) يون ئى. ك. برەتىئانو (1864 - 1927) رومىنىيە باش ۋەزرى (1909 - 1911، 1914 - 1919، 1922 - 1926 ، 1927). يون ك. (1897 - 1899)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋەزىرى (1901 - 1904)، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋەزىرى (1907) بولغان. دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ئاۋىلىسكۇ بىلەن بىرلىكتە 1907-يىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1909-يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە بىلەن گېرمانىيە - ئاۋسترىيە گۇرۇھى ئارىسىدا ئەھۋالغا بېقىپ ئىش كۆرۈش سىياسىتىنى قوللانغان. 1916-يىلى 8-ئايدا، روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش كېلىشىمىگە قول قويغان. 1919-يىلى ۋېنگرىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە قارشى قوراللىق مۇداخىلىگە قاتناشقان. 1924-يىلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان. شۇ يىلى تاتار بۇنارى قوزغىلىڭىنى باستۇرغان.