Uyghur主要词典
برانكوۋىچ
دۇنيا تارىخى
(1645 - 1711) سېربىيىنىڭ سىياسىي ئەربايى، تارىخشۇناس 1675 - 1677-يىللىرى ترانسىلۋانىيە كىنەزىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. كېيىن لاخىيە كىنەزلىكىدە خىزمەت قىلغان. ۋالاخىيىنى ئاۋسترىيە بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 1682 - 1699-يىللاردىكى ئاۋستىريىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئاۋسترىيىنىڭ قوللىشى بىلەن بالقاندىكى بۈيۈك سلاۋيان دۆلىتى - ئىلللىرىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1688-يىلى ھابىسبۇرگ خاندانلىقى تەرىپىدىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى گرافى دېگەن ئۇنۋان بېرىلگەن. خەلقنى تۈركىيىنىڭ زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاۋسترىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولا ئېلىنىپ ئۆمۈرلۈك نەزەربەند قىلىنغان. تۈرمىدە سېربىيە ھەم ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ تارىخىنى بايان قىلىدىغان سېربىيە سلاۋيان يىلنامىسىنى تۈزۈپ چىققان.