Uyghur主要词典
براندېس
دۇنيا تارىخى
(1842 - 1927) دانىيىلىك ئەدەبىي تەنقىدچى. يەھۇدىي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1864-يىلى كوپىنھاگىن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ ئۆگەنگەن. گېزىت - ژورنال مۇخبىرى ۋە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1902-يىلى كوپىنھاگىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. مادارچىلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق گېگېل، فېييېرباخ، مىل ۋە تېيىئىن قاتارلىقلارنىڭ ئېستېتىكا پرىنسىپىنى بىرلەشتۈرگەن. دەلىلچىلىك ئېستېتىكىسىنڭ ۋەكىلى. 1871 - 1890-يىللىرى 6 توملۇق <19 - ئەسىر ئەدەبىياتىدىكى ئاساسلىق ئېقىم> دېگەن كىتابىنى يېزىپ چىقىپ، ياۋروپانىڭ رومانتىزملىق ئەدەبىياتىغا باھا بېرىپ، يۇرتۋازلىق ۋە ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسسىپلىككە قارشى چىقىپ، غايەت تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شېكىسپىر، گېيتى، ۋولتېر، كائېسار ۋە مىكىلانجىلو قاتارلىق شەخسلەر توغرىسىدا يازغان كىتابلىرىمۇ خېلى كۆپ.