Uyghur主要词典
براگانسا خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
1640 - 1910-يىللىرى پورتۇگالىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاندانلىق. بۇ نام پورتۇگالىيىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى براگانسا شەھىرىنىڭ نامىدىن كەلگەن. 1442-يىلى پورتۇگالىيە كورۇلى ژوئاۋ Ⅰ (1357 - 1433) نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى ئالفونسۇ(1461) نى براگانسا گېرتسوگى قىلىپ تەيىنلىگەن. 1640-يىلى پورتۇگالىيە ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن براگانسانىڭ سەككىزىنچى گېرتسوگى ژورئاۋ Ⅱ پورتۇگالىيىنىڭ كورۇلى بولۇپ، ژورئاۋ Ⅳ دەپ ئاتالغان. شۇنىڭ بىلەن براگانسا خاندانلىقى باشلانغان. 1853-يىلى، كورۇلىۋا مارىيە Ⅱ ئۆلگەن چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى پېدرو Ⅴ (1837 - 1861) تېخى بالاغەتكە يەتمىگەنلىكتىن، ئاتىسى ساكسېن - كوبۇرگ فېردىناند (1816 - 1885) نائىبلىق قىلىپ، خاندانلىقنىڭ نامىنى براگانسا - كوبۇرگ دەپ ئۆزگەرتكەن. 1910-يىلى پورتۇگالىيىدە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ خاندانلىق ئاخىرلاشقان. برازىلىيىدە 1822-يىلىدىكى مۇستەقىللىكتىن 1889-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلىغىچە باراگانسا خاندانلىقىدىكى ئاتا - بالا پېدرولار پېدرولار ئىلگىرى - كېيىن پادىشاھلىق تەختىنى ئىگىلەپ تۇرغان.