Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوتتو
يۈز مەشھۇر شەخىس
1832 - 1891
ئوتتو گېرمانىيلىك كەشپىياتچى، دۇنيا بويىچە تۇنجى تۆت تاكتلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى لايىھىلىگۈچى ۋە ياسىغۇچى. بۇ دۋىگاتېل تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان مىليونلىغان ئوخشاش تۈردىكى دۋىگاتېللارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى.
ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل بىر خىل كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە كەشپىيات بولۇپ، ئۇ ئاپتوموبىل، پاراخوت، موتسىكىلىت قاتارلىقلارغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولالايدۇ. سانائەتتە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىش قىممىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئايروپىلاندىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۈسكۈنىسى ھېسابلىنىدۇ. بىراق، ئىچىدىن يانىدىغان دۋېگاتېل ئاساسلىقى ئاپتوموبىللاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئوتتودىن ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتوموبىل ياساشنى تەسەۋۋۇر قىلغان. بىراق بىرەر كەشپىياتچى يەڭگىل ھەم كۈچلۈك دۋىگاتېل ياساپ چىقالمىغان. ئېھتىمال كەلگۈسىدە كەشپىياتچىلار تېخىمۇ ياخشى دۋىگاتېل ياساپ چىقالىشى مۇمكىن، بىراق مۇشۇ ئەسىر ئىچىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان كۈر مىڭلىغان ئاپتوموبىللار ئىچىدە%90تۆت تاكتلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ئىشلەتكەن.
دىزېل دۋىگاتېل - ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللىرى ۋە پاراخوتلارغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇمۇ ئوتتۇرىچە تۆت تاكتلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل قاتارىغا كىرىدۇ، پەقەت يېقىلغۇ كىرىش جەريانىلا ئازراق ئوخشىمايدۇ.
كەشپىياتنىڭ كۆپىنچىسى (ھەربىي قورال، پارتىلىتىش بومبىسى قاتارلىقلاردىن باشقىسى) ئىنسانىيەتكە پايدىلىق. ئىنسانلار ئىچىدە توڭلاتقۇ ياكى پېنتسىللىن ئىشلىتىشنى رەت قىلىش پىكرىنى بېرىدىغانلار ۋە ياكى بۇلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلار ناھايىتى ئاز. بىراق، ئاپتوموبىلنىڭ كەڭ ئىشلىتىلىشىدىن كېلىپ چىققان يامان ئاقىۋەتلەرمۇ بىزگە ناھايىتى ئېنىق، مەسىلەن، ئاۋازىنىڭ چوڭ بۇلۇشى، ھاۋانىڭ بولغىنىشى، يېقىلغۇنىڭ خوراپ كېتىشى، ماشىنا ۋەقەسىنىڭ كۆپلۈكىدىن نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋەھاكازالار.
بىراق، ئاپتوموبىلنىڭ ئاشۇ روشەن ئارتۇقچىلىقىنى دېمىسەك، ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىگە چىداپ تۇرالمىغان بولاتتۇق. خۇسۇسىي ئاپتوموبىل ئاممىۋى ئاپتوموبىلغا قارىغاندا تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، ھەر كىم ئۆز خالىغانچە، خالىغان ۋاقىتتا خالىغان يېرىگە بارالايدۇ. ئۇنىڭ سۈرئىتى تېز ھەم راھەت بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا زور ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.
ئامېرىكىدا تەخمىنەن 100 مىليون ئاپتوموبىل بولۇپ، يىلىغا نەچچە مىليارد كىلومېتريول يۈرىدۇ. بۇ مۇساپە پويىز، پاراخوت ۋە ياكى ئايروپىلاندىن ئىبارەت ھەر قانداق قاتناش قورالىنىڭكىدىن كۆپ.
ئاپتوموبىلنىڭ كەشپىياتچىسى ئوتتو 1832 - يىلى گېرمانىيىنىڭ خوزخاۋسىن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇ بالىلىق چېغىدىلا دادىسى تۈگەپ كېتىپ، ئوقۇشتىن توختاپ، ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك بىر شەھەردىكى تۈرلۈك ماللار دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىن فرانكفورتقا بېرىپ خەت كۆچەرگۈچى بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن سەييارە يايمىچى بولغان.
تەخمىنەن 1860 - يىللىرى، ئوتتو فرانسىيلىك ئىنژېنېر روسانىڭ كۆمۈر گازى دۋىگاتېلى لايىھىلەپ چىققانلىقىنى ھەمدە تۆت تاكىتلىق دۋىگاتېلنى كەشپ قىلىش پاتېنىتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ.
1862 - يىلى 1 - ئايدا ئوتتو روسانىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن تۇنجى دۋىگاتېلنى ياساپ چىقتى. بىراق، ئوتتو كەشپىيات پاتېنىتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا مەبلەغ كەمچىلىكى قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ. نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئاخىر ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغى تەمىنلەيدىغان شېرىك تاپىدۇ. بۇ ئىككىيلەن بىرلىشىپ كىچىك بىر زاۋۇت قۇرۇپ، دۋىگاتېلنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
مېنىڭچە، ئاپتوموبىل سانائىتى تەرەققىياتى داۋامىدا زور تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر شەخس بار. ئۇ بولسىمۇ كەشپىياتچى، ئامېرىكىلىق مەشھۇر سانائەتچى فورت. فورت 1896 - يىلى تۇنجى ئاپتوموبىلنى ياساپ چىققان، 1809 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئاپتوموبىلنى كۆرگەزمە قىلغان.
مېنىڭچە، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى كەشپىياتى بىر نەچچە كىشىگە مەنسۇپ، ئۇلار بولسا، لىنيۇ، ئوتتو، دائىملېر، بېنز ۋە فورتلاردىن ئىبارەت.
دۇنيا تارىخى
تەخمىنەن (1114 - 1158) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. ھوقۇقدار ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى پارىژ داشۆسىگە كىرىپ، مەدرىس پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلغان، 1138 - يىلى فرېسىڭ (گېرمانىيە باۋارىيە شتاتىدا) نىڭ ئېپىسكوپى بولغان. 1147 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى كونراد Ⅱ گە ئەگىشىپ ئەھلىسەلىپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شەرققە يۈرۈشى (1147 - 1149) گە قاتنىشىپ، مەغلۇپ بولۇپ قايتىپ كەلگەن، كېيىن جىيەنى - ئىمپېراتور فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) نىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ <يىلنامە تارىخى> (<قوش قەلئە تارىخى> دەپمۇ ئاتالغان) دا <ئىنجىل> دىكى <دۇنيانىڭ يارالمىشى> دىن 1146 - يىلغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان. يەنە بىر ئەسىرى <ئىمپېراتور فرېدرىخ Ⅰ نىڭ ئىشلىرى> دا ئىمپېراتور ھېنرى Ⅳ تەختتە تۇرغان مەزگىلدىن 1156 - يىلغىچە (كېيىن ئۇنىڭ كاتىپى 1160 - يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇغان) بولغان ئارىلىقتىكى گېرمانىيىنىڭ تارىخىي ۋەقەلىكلىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋىتىنى خاتىرىلىگەن. ئۇنىڭ ئەسىرى كېيىنكىلەر ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارنى ساقلاپ بەرگەن.
دۇنيا تارىخى
(912 - 973) يەنى ئىمپېراتور ئوتتو. گېرمانىيە ساكسېن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (936 - 973)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (962 - 973). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، چېركاۋغا نۇرغۇن زېمىن بەرگەن ھەمدە زېمىن تەۋەلىكىدىكى مەمۇرىي ھوقۇق ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى چېركاۋنىڭ باشلىقىغا بەرگەن (<ئوتتو ئىمتىيازى> غا قاراڭ)، چېركاۋنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ دەھرىي فېئودال ئىگىلىرىنى تىزگىنلەپ، كورۇل ھوقۇقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. مىلادى 951 - يىلى، ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، لومباردى رايونىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ئىتالىيە كورۇلى لوتورنىڭ تۇل قالغان ئايالى ئادېلايدې بىلەن توي قىلىپ، ئىتالىيە كورۇلى دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 955 - يىلى ئاۋگوسبېرگ ئەتراپىدا ماجارلار (ۋېنگرلار) نى مەغلۇپ قىلغان. 961 - يىلى، رىم ئاقسۆڭەكلىرى قوغلاپ چىقارغان پاپا جون 12 نىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللىغان. ئىككىنچى يىلى، جونⅡ Ⅹ رىم سان پېتر چېركاۋىدا ئوتتوغا تاج كىيدۈرۈپ، <رىم ئىمپېراتورى> دەپ ئاتىغان. بۇ مۇقەددەس ئىمپېرىيىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(955 - 983)، گېرمانىيە ساكسېن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (973 - 983). ئوتتو Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەخمىنەن مىلادى 977 - يىلى باۋارىيە كىنەزى ھېنرىنى بويسۇندۇرۇپ پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن. 978 - يىلى لورېنغا بېسىپ كىرگەن فرانسىيە ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقارغان. 981 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە جەنۇبىي ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. كېيىنكى يىلى كالابرىيە رايوندىكى بىر قېتىملىق جەڭدە، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئەرەبلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 983 - يىلى پولابىئان سلاۋىيانلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولغان ليوگىچلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گېرمان فېئوداللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن بىر مەزگىل قۇتۇلغان.
دۇنيا تارىخى
(980 - 1002). گېرمانىيە ساكسېن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (983 - 1002)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (983 - 1002 ؛ 996 - يىلى تاج كىيگەن). ئوتتو Ⅱ نىڭ ئوغلى. كىچىكىدىنلا تەختە ئولتۇرغان. 991 - يىلىغىچە ئانىسى نائىبلىق قىلغان. 983 - يىلى پولابىئان سلاۋىيانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گېرمان فېئوداللىرىنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى چىققان. 996 - يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، رىم شەھىرىنى مەركەز قىلغان دۇنيا ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇش خام خىيالىدا بولۇپ، 996، 998، 1001 - يىللىرى ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلغان، ئەمما ھەممىسىدىلا مەغلۇپ بولغان. مەملىكەت ئىچىدە بەگلەرنىڭ كۈچى كۈنسايىن كۈچەيگەن.
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1174 - 1218) گېرمانىيە كورۇلى (1198 - 1215)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1209 - 1215). ۋېلف جەمەتىدىن. 1197 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅳ ئۆلۈپ، ئۇكىسى فىلىپ تەختكە چىققان. ۋېلف جەمەتى ئوتتونى ئۇنىڭ بىلەن تەختنى تالىشىشقا سالغان ھەمدە رىم پاپاسى ئىننوتسېنتۇس Ⅲ نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1208 - يىلى فىلىپ مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىنكى يىلى ئوتتو ئىمپېراتورلۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1210 - يىلى ئۇ پاپاغا بېقىنىدىغان سىتسىلىيە كورۇللۇقىنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئىننوسېنتۇس Ⅲ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1212 - يىلى ئىننوسېنتۇس Ⅲ ھېنرى Ⅳ نىڭ ئوغلى فرېدرىخ Ⅱ نى ئىمپېراتور دەپ ئېلان قىلغان. كېيىن ئوتتو يەنە ئەنگلىيە كورۇلى جون (يەرسىز كورۇل) نىڭ فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ گە قارشى ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، 1214 - يىلى 7 - ئايدا بۇۋېن جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. كېيىنكى يىلى تەختتىن چۈشكەن.