Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوتتۇرا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەيئىنىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ ياكى ئىككى شەيئىنىڭ ئىچىدىكى ئورۇن، مەركەز.
<ئارا> نىڭ <ئىچ> مەنىسى بار.
ئوتتۇرا مەكتەپ؛ ئوتتۇرا ئاسىيا؛ ئوتتۇرا شەرق. باشتا سۆز بولسا، ئوتتۇرىدا گەپ بولمايدۇ. ئوتتۇرىدا بۇرۇن بولمىسا، ئۇ كۆز بۇ كۆزنى يەيتتى. دوستلار ئارىسىدىكى پىكر تۈنەپ قالسا بولماس. مايمۇنلارنىڭ ئارىسىغا بارساڭ، گۈزەل ئىزدەپ ئاۋارە بولما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. مەلۇم بىر دائىرىنىڭ دەل مەركىزىي نۇقتىسى، مەركەز.
قەسىر ئوتتۇرىسىدا بىر كۆل تۇرغۇدەك.
سۈپ. ئىسىملارنى ئېنىقلاپ <مەركىزىي، مەركىزىي قىسىمدىكى، مەركىزىگە جايلاشقان، ئارىسىدىكى> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا. ئوتتۇرا جۇڭگو. ئوتتۇرا ئافرىقا. ئوتتۇرا قول. ئوتتۇرا ئىشىك.
ئى. بەلگىلىك ئۇزۇنلۇققا ئىگە نەرسىلەرنىڭ ئىككى چېتى ياكى ئۇچىدىن تەڭ ئارىلىقتا بولغان نۇقتىسى.
يىراقتا كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئەسكەرلەر توسۇۋېلىپ، مىلتىقلىرىغا تايىنىپ تۇرۇشاتتى.
ئى. ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىلەرنىڭ ئارىلىق قىسمى.
ئۇ مەشۇقى مەلىكە بۈدۈرنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىرنى سۆيۈپتۇ.
ئى. مەلۇم بىر جايدىكى كىشىلەر ياكى نەرسىلەرنىڭ ئارىسى، قورشاۋ.
ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار دەررۇ ئاسىمنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا نېمىنىدۇر دېيىشمەكچى بولۇشتيۇ، دېمىدى.
ئى. باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشى تەخمىنەن تەڭ ئۇزاقلىقتىكى ۋاقىت، يېرىم.
بىر يىلى قىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىبراھىم ئاكا تۇرسۇن بىلەن گەپ تەگىشىپ قالدى.
سۈپ. ھەممە كىشى ياكى بىرنەچچە كىشى تەڭ پايدىلىنىدىغان، تەڭ شېرىك:بىر نەچچە كىشى تەڭ پايدىلىنىدىغان، تەڭ شېرىك.
بىر نەچچە ئىش ھايۋانلىرى، ئىككى دانە سوقا، بىر دانە ئورما ماشىنىسى ۋە بىر مۇنچە ئۇششاق جابدۇقلار بىردىنلا كۆپچىلىكنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۈلكى بولۇپ قالدى.
ئى <ئۇ، بۇ، شۇ...> قاتارلىق كۆرسىتىش ئالماشلىرى بىلەن بىللە كېلىپ <ئەتراپ، كۆرسىتىلگەن جايغا يېقىن يەر، ئۆپچۆرە> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ ئوتتۇرىدا ئۇنداق ئېسىل بىنا يوق.
سۈپ. مەلۇم بىر پائالىيەت، تۈر ياكى ھال - ئەھۋالغا نىسبەتەن دەرىجە جەھەتتىن يۇقىرىمۇ ئەمەس، تۆۋەنمۇ ئەمەس بولغان، ئارىلىقتىراق تۇرىدىغان.
ئوتتۇرا مەكتەپ.
ئۇ ئوتتۇرا بويلۇق، كېلىشكەن ئادەم ئىدى.
ئى. ئىككى ياكى بىر نەچچە كىشى ئارىسى، ئارا.
نادىر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ھېچقانداق يامان ئىش ئۆتۈلگىنى يوق.
ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ھايات - ماماتلىق كۈرىشىدۇر.
ئى. مەلۇم بىر ۋەقە ياكى ھادىسە پەيدا بولىدىغان ياكى بولغان پەيت، مەزگىل.
ئوتتۇرىدىن 15 كۈن ئۆتۈپ كەتتى.
ئى. مەيدان، سەھنە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇن.
قادىر ئورنىدىن تۇرۇپ سالماق قەدەم بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.