Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوتتۇرا ئەسىر
دۇنيا تارىخى
لاتىن يېزىقىدا Mediumaevum دەپ يېزىلىپ، كلاسسىك مەدەنىيەت دەۋرى (يۇنان، رىم) بىلەن كلاسسىك مەدەنىيەتنىڭ <قايتا گۈللىنىش> دەۋرى ئوتتۇرىسىدىكى دەۋرىنى كۆرسىتىپ، تەخمىنەن مىلادى Ⅴ ئەسىردىن ⅤⅩ ئەسىرگىچە بولغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ سۆزنى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىش مەزگىلدە، ئىتالىيە گۇمانىزمچىسى بىئوندو ئىجاد قىلغان بولۇپ، كېيىن كەڭ قوللىنىلغان. <ئوتتۇرا قەدىمكى زامان> ياكى <ئوتتۇرا ئەسىر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، قەدىمكى زامان بىلەن يېقىنقى زاماننىڭ ئارىلىقىنى يەنى قۇللۇق جەمئىيىتى پارچىلانغاندىن باشلاپ كاپىتالىزمغا ئۆتكىچە بولغان دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. ماركسىزملىق تارىخشۇناسلىق ئۇنى فېئودالىزم دەۋرى دەپ قاراپ، دەسلەپكى، ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى دەۋرگە بۆلىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ فېئودالىزمغا ئۆتۈش ۋاقتى تەكشى ئەمەس، جۇڭگو ئەڭ بۇرۇن ئۆتكەن بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىر ئۆپچۆرىسىگە توغرا كېلىدۇ. ياۋروپادا، مىلادى 476 - يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغاندىن 1640 - يىل ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغىچە بولغان دەۋرنى ئوتتۇرا ئەسىر دەپ ھېسابلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تارىخ
مىلادىيە 476 - يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن تارتىپ 1640 - يىلىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغىچە بولغان دەۋر ياۋروپادا <ئوتتۇرا ئەسىر> دەپ ئاتىلىدۇ. دۆلىتىمىز تارىخىدىكى دەۋر بۆلۈنۈشىدە ۋېي - جىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالە، سۈي - تاڭ دەۋرلىرى ئوتتۇرا ئەسىر دەپ ئاتىلىدۇ.