Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوتتو ئىمتىيازى
دۇنيا تارىخى
مىلادى Ⅹ ئەسىرنىڭ 40 - 50 - يىللىرى گېرمانىيە كورۇلى ئوتتو Ⅰ كاتولىك دىنىنىڭ ئېپىسكوپى ۋە موناستىر باشلىقلىرىغا بەرگەن ئالاھىدە ھوقۇق بولۇپ، چېركاۋ فېئوداللىرى ئۆزىنىڭ خوجىلىق يېرىدە ئەدلىيە ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇققا ئىگە بولۇش، كورۇلنىڭ ئېپىسكوپ ۋە موناستىر باشلىقىنى تەيىنلەش، قالدۇرۇش ھوقۇقى بولۇش قاتارلىق مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ مەقسىتى چېركاۋ فېئوداللىرىدىن پايدىلىنىپ دەھرىي چوڭ فېئوداللارنى چەكلەش ھەمدە مونارخىيىلىك ھاكىمىيەتنىڭ چېركاۋلارنى كونترول قىلىشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. نەتىجىدە مونارخىيىلىك ھاكىمىيىتى ۋاقىتلىق مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، ئەمما چېركاۋ فېئوداللىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن پارچىلىنىشى تېزلەشكەن.