Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ئورتاق بازىرى
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1962 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، كوستارىكا، گۋاتېمالا، ھوندۇراس، نىكاراگۇئا ۋە سالۋادوردىن ئىبارەت بەش دۆلەت كوستارىكانىڭ پايتەختى - سان ـ جوسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، قۇرۇشنى قارار قىلغان. ئاساسىي ۋەزىپىسى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا چېگرا بېجى گومرۇكىنى ئاخىرقى ھېسابتا بىكار قىلىپ، ئورتاق چېگرا بېجى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مالىيە ۋە سانائەت سىياسەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن؛ سەھىيە، ئەمگەك - ئىش ھەققى، مائارىپ، قاتناش ۋە دېھقانچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. 1963 - يىلى 8 - ئايدا، پاناما ئەزا دۆلەت سالاھىتى بىلەن قاتنىشىشنى قارار قىلغان. 1969 - يىلى سالۋادور بىلەن ھوندۇراس ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش بولغاندىن كېيىن، ھوندۇراس 1970 - يىلى ئورتاق بازار پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى توختاتقان بولىسمۇ، لېكىن ئۆزىنى يەنىلا ئەزا دۆلەت دەپ ھېسابلىغان. تەشكىلىي ئورگىنى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ئىقتىسادىي كومىتېتى، <ئومۇمىي شەتنامە> ئىجرائىيە كومىتېتى، <ئومۇمىي شەرتنامە> دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كومىتېتىدۇر. باش شتابى گۋاتېمالانىڭ پايتەختى - گۋاتېمالادا.