Uyghurئاساسىي لۇغەت
سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلى
بىئولوگىيە
ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئارال بولۇپ، شىمالىي ياۋروپادىكى بارنىتس دېڭىزى، نورۋېگىيە دېڭىزى، شىمالىي دېڭىز، بالتىق دېڭىزلىرى ئارىلىقىغا جايلاشقان. ئۇزۇنلۇقى 1850 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەڭ كەڭ جايى 700 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. مەيدانى 750 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. نورۋېگىيە، شۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيىنىڭ غەربىي شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 17 مىليون 322 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). يېرىم ئارالنىڭ غەربىنى سكاندىناۋىيە تاغلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، شەرقىي جەنۇب قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەسرەك كېلىدۇ، نورۋېگىيە دېڭىز قىرغاقلىرى بەك كېسىلگەن بولۇپ، ئاراللار تىك، يارلىق قولتۇقلار ناھايىتى كۆپ. ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان يىللىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقتىن، قىش پەسلى يىللىق كۆللەر ناھايىتى كۆپ، دەريالىرى قىسقا، سۈيى تېز ئاقىدۇ، سۇ ئېنېرگىيىسى، تۆمۈر رۇدىسى قېزىش ۋە كېمىسازلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. جەنۇبىدا يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان. ئارالنىڭ غەربىدىكى دېڭىز رايونى دۇنيا بويىچە ئۈچ چوڭ بېلىقچىلىق رايونىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.