Uyghurئاساسىي لۇغەت
سفېروتىلۇس باكتېرىيىسى
بىئولوگىيە
سىرتىغا قاپ ھاسىل قىلىدىغان باكتېرىيىلەرنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. ھۈجەيرىسى تاياقسىمان بولۇپ 0.7 -2.4 × 3 _ 10، مىكرومېتر كېلىدۇ، زەنجىرسىمان توپنىڭ سىرتىنى قاپ ئوراپ تۇرىدۇ. قاپ ئىچىدىن بىر تال ھۈجەيرە چىقىپ، بىر باغلام قۇتۇپقا يېقىن ئۆسكەن قىل ئاياغنى ھاسىل قىلىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ھۈجەيرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ خىل ھۈجەيرە مۇقىملاشقاندىن كېيىن بۆلۈنۈپ كۆپىيىپ، سىرتىدا قېپى بولغان يېڭى يىپسىمان تەنگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ھەر خىل پاسكىناسۇلار بىلەن بۇلغانغان ئاستا ئاقىدىغان تاتلىق سۇلاردا بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ يىپسىمان تەنچىسى سۇ ئاستىدىكى ئۆسۈملۈك، تاش قاتارلىق ئاساسىي ماددىلارغا يېپىشىۋالىدۇ. بەلگىلىك مىقداردىكى سفېروتىلۇس باكتېرىيىسى سۇلارنى بىئوخىمىيىلىك بىر تەرەپ قىلىشتا، سۇدىكى ئورگانىك ماددىلارنى چىقىرىۋېتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىراق ئۇ زىيادە كۆپىيىپ ئاكتىپلاشقان پاتقاقنىڭ ھەجىمىنى ئارتتۇرۇپ ئۇنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پاسكىنا سۈنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ. ئۇ يەنە بەزى سۇ چىقىرىش تۇرۇبىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.