Uyghurئاساسىي لۇغەت
سرت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆي، ھويلا قاتارلىق مەلۇم قورشاۋدىكى دائىرىنىڭ تاشقىرىسى، تالا، تالا - تۈز.
ئۆي سىرتى. مەھەللە سىرتى. شەھەر سىرتى.
ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدىن باشقا چەت، ياقا جاي.
سىرتقا چىقماق.
چەت دۆلەت، چەت ئەل.
سىرتقا ئىشكنى ئېچىۋېتىش.
مەلۇم گۇرۇپپا ياكى ئۇيۇشما، تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ ئىچىگە كىرمىگەن، قارمىقىدا بولمىغان ئادەم ۋە باشقىلار.
پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار.
ئەتراپىدىكى مۇھىت، بوشلۇق (ئادەمگە نىسبەتەن).
ئۈنىنى سىرتقا چىقارماق.
بىرەر نەرسىنىڭ تاشقى يۈزى، كۆرۈنۈشى، قىياپىتى.
كىتابنىڭ سىرتى.
<مات> جىسىم گىرۋىكى ياكى بوشلۇقتىكى ئەگرى سىزىقنىڭ بەلگىلىك شەرت بويىچە ھەرىكەتلىنىش ترايېكتورىيىسى. مەسىلەن، شار سىرتى. سىلىندىر سىرتى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.
قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئومۇرتقا قىسمى.
سىرت گۆشى.
چىقىش كېلىشتىكى سۆزلەر بىلەن بىللە كېلىپ <باشقا>، <تاشقىرى> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئىگە بولۇشتىن سىرت، تېخىمۇ كەڭ بىر مەنىگە، يەنى ئىلىم - پەن بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇش دېگەن مەنىگىمۇ ئىگە.