Uyghurئاساسىي لۇغەت
سكاندىناۋىيە مەسلىكى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨ ئەسىردە سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدە كەڭ تارقالغان بۇرژۇئازىيە پىكىر ئېقىمى ۋە ھەرىكىتى. بۇ خىل پىكىر ئېقىمىنى ئارخېئولوگىيە ۋە تىلشۇناسلىقتىكى كەشپىياتلار، ناپولېئون ئۇرۇشىدىن كېيىن شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە فان گېرمانىزم، فان سلاۋىيانىزمغا قارشى كۈرەش ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ، مۇشۇ رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلىرىدە بەىرلىشىشىنى تەرغىپ قىلغان. بۇرژۇئازىيە ۋە ستۇدېنتلار بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان. بۇ ھەرىكەت دەسلەپ ئېكسپورتنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلىدىغان دانىيىدە قوزغالغان، كېيىن پۈتكۈل سكاندىناۋىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان شۋېتسىيىگە تارقالغان. شۋېتسىيە بىلەن نورۋېگىيە شلېسۋىگ ئۇرۇشى (1848 - 1850) دا دانىيىگە پىدائىيلارنى يەتكۈزۈپ بەرگەندە، بۇ ھەرىكەت ئەڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. بىراق شۋېتسىيە كورۇلى ئوسكار Ⅰ 1857-يىلدىكى دانىيە كورۇلى فرېدرىك Ⅶ گە مۇداپىئە ئىتتىپاقى قۇرۇش تەكلىپىنى قويغاندا، رەت قىلىشقا ئۇچرىغان. دانىيە 1864-يىلدىكى ئۇرۇشتا ياردەمگە ئىگەبولالمىغاندىن كېيىن، سىياسىيت جەھەتتە بىرلىشىش ئەمەلگە ئاشماي، ھەرىكەت تۇرغۇنلۇققا يۈزلەنگەن؛ ئەمما مەدەنىيەت جەھەتتە، بۇ رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىلى ئۆزئارا ئوخشىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىشىشنىڭ ئۇلى قۇرۇلغان.