Uyghurئاساسىي لۇغەت
سكىتايلار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى زاماندا قارادېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى جايلاردا ياشىغان ئاھالە. ھىندى - ياۋروپا تىل سېستىمىسى ئىران تىل تۈركۈمىنىڭ بىر تارمىقىغا كىرىدۇ. ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىداياشىغان كۆچمەن قەبىلە بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردە سارماتلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، غەربكە كۆچۈپ قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى داۋاملىق غەربكە كۆچۈپ،دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا، يەنى ھازىرقى رومىنىيە ۋە ۋېنگرىيە رايونىغا بارغان. بىرقىسمى جەنۇبقا كۆچۈپ، كاپكاز تاغ تىزمىسىدىن ئۆتۈپ، كىچىك ئاسىياغا ۋە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي شىمالىغا بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مېدىيە بىلەن بىرلىشىپ ئاسسۇرىيە ۋە ئۇرارتۇغا قارشى تۇرغان؛ كېيىن مېدىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، سۈرىيە بىلەن پەلەستىنگە بېسىپ كىرگەن. كېيىن مېدىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكىجايلارغا قايتىپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پىرسىيە پادىشاھى دارسۇس Ⅰ بۇ يەرگە يۈرۈش قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن Ⅳ ئەسىرگىچە، قۇدرەتلىك قەبىلە ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅢ ئەسىردە قىرىمنى مەركەز قىلىپ، <سكىتاي پادىشاھلىقى>نى قۇرغان، ئۇنىڭ زېمىنى دون دەرياسىدىن دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يۇناننىڭ ھەرقايسى مۇستەملىكە شەھەرلىرى بىلەن باردى - كەلدىسى قويۇق بولغان. كېيىن سارماتىيىلىكلەرنىڭ بېسىپ كىرىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇشى ئارقىسىدا، كۈچى ئاجىزلاشقان. مىلادىدىن Ⅱ ئەسىردە يېڭىۋاشتىن گۈللىنىپ، خېرسونېسوس، ئولۋىيە قاتارلىقيۇناننىڭ مۇستەملىكە شەھەرلىرى بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پادىشاھلىق بارا - بارا ئاجىزلىشىپ ئاخىرى تەخمىنەن، مىلادى Ⅲ ئەسىردە گوتلار تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. سكىتايلار ئۇزاق مۇددەت كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان، دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان، قەدىمكى زاماندا ئۇلار قەيسەرلىكى، چەۋەندازلىقى ۋە نەپىس ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا ئۇستا ئىكەنلىكى بىلەن داڭق چىقارغان