Uyghurئاساسىي لۇغەت
سگۇردىسسون
دۇنيا تارىخى
(1811 - 1879)ئىسلاندىيىلىك ئالىم، پارلامېنت باشلىقى (1849 - 1857، 1865 - 1879) 1830 - يىلى ئىسلاندىيە ئېپىسكوپى جونسوننىڭ كاتىپى بولغان. 1841 - يىلى <يېڭى جەمئىيەت> ژورنىلىنى تەھرىرلەپ، دانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. 1844 - يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. پارلامېنت باشلىقى بولغاندا دانىيىنى ئىسلاندىيەگە بولغان سودا مونوپولىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبور قىلغان.1851 - يىلى ئىسلاندىيە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. <ئىسلاندىيە تارىخى>، <ئىسلاندىيە ھۆججەتلىرى>، <ئىسلاندىيە قانۇنلىرى توپلىمى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.