Uyghurئاساسىي لۇغەت
سلوۋاكلارنىڭ مىللىي قوزغىلىڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخىئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى سلوۋاك خەلقىنىڭ كوممۇنىستلارنىڭ رەھبەرلىكىدە 1944 - يىلى 8 - ئايدا كۆتۈرگەن گېرمانىيە فاشىست ئىشغالىيەتچىلىرىگەقارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. بۇ قوزغىلاڭ سلوۋاكىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى قاپلىغان. 10 -ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچى بىلەن ئازاد رايونلارنى ئىشغال قىلغان، قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق رايونلارغا چېكىنىشكە مەجبور بولۇپ، كۈرەشنى تاكى چېخوسلوۋاكىيە ئازاد بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.