Uyghurئاساسىي لۇغەت
سلوۋاكىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
1919 - يىلى 6 - ئايدا چېخوسلوۋاكىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى سلوۋاكىيىدە قۇرۇلغان سوۋېت ھاكىمىيىتى. ھۆكۈمەت پرېشوۋتا قۇرۇلۇپ، كوممۇنىست يانوۋشېك رەئىس بولغان. كارخانىلار، بانكا ۋە يەرلەرنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەمدە ئەمگەكچى خەلققە سايلام ھوقۇقى ۋە باشقا دېموكراتىك ھوقۇقلارنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 7 - ئايدا ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەت ۋە چەت ئەل جاھانگىرلىكى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.