Uyghurئاساسىي لۇغەت
سكاندىناۋىيە تاغلىرى
بىئولوگىيە
<كىئالېن تاغلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تاغ شىمالىي ياۋروپادىكى سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنى ئۇزۇنىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1700 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 200-600 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئوتتۇرا ئېگىزلىكتىكى قەدىمىي پىلاتفورمىلىق تاغلىق بولۇپ، غەربىي يان باغرى تىك، شەرقىي يان باغرى يانتۇ كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئادەتتىكى ئېگىزلىكى 1000 مېتىر كېلىدۇ. ئايرىم جايلىرى مۇزلۇقلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئېگىز گالخپىگگېن چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2468 مېتىرغا يېتىدۇ. تاغلىقنىڭ ئېتىكىدىن يۇقىرىغا قاراپ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان، يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان، ئېگىز تاغ ئوتلاق بەلباغلىرى تارقالغان. كان بايلىقلىرىدىن تۆمۈر، مىس، تىتان قاتارلىق كان بايلىقلىرى خېلى مول.