Uyghurئاساسىي لۇغەت
ناكا مىچىيو
دۇنيا تارىخى
(1851 - 1908) ياپونىيىلىك شەرق تارىخشۇناس. يوشىخىرو ھەقسىز مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. توكيو قىزلار دارىلمۇئەلىمننىڭ مۇدىرى بولغان. 1894-يىلى بىرىنچى ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي دارىلمۇئەللىمننىڭ پروفېسسورى بولغان. 1896-يىلى ئىنپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورلۇقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. 1905-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ موڭغۇل يېزىقىنى ۋە قەدىمكى جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋەت تارىخىنى تەتقىق قىلغان. كېيىن ئۇ موڭغۇلچە <يۇەن سۇلالىسىنىڭ مەخپىي تارىخى> نى تەرجىمە قىلغان ۋە ئىزاھلىغان. <چىڭگىزخاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى> نى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن. ئۇ ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ياپونىيە شەرق تارىخى دەرسلىكىنى ئەڭ دەسلەپ كىرگۈزگۈچى، كېيىنرەك ئۇنىڭ <ناكا مىچىيو ۋەسىيەتنامىسى> ناملىق ئەسىرى نەشر قىلىنغان.